مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22-يىغىنى ئېچىلدى

ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى

2022.06.21 22:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22-قېتىملىق يىغىنى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئېچىلدى، يىغىندا «يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش» چۆرىدىلىپ كېڭىشىلىپ، مۇھاكىمە قىلىندى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.


  دۆلەت كومىسسارى ۋاڭ يۇڭ تەكلىپكە بىنائەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم دوكلات بەردى، نەق مەيداندا سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. ۋاڭ يۇڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش __ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش ۋە كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش خىزمىتىدە ياخشى باشلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجە-ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات ۋە بۇلغىما ئازايتىش، ئومۇمىيلىق ۋە قىسمەنلىك، يىراق كەلگۈسى نىشان ۋە قىسقا مۇددەتلىك نىشان، ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، «كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈشتىكى ئون چوڭ ھەرىكەت»نى ياخشى تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش خىزمىتىنى پىلانلاش، ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. ئېنېرگىيە سىستېمىسىنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق قاتناش-تىرانسپورت سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشىنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق پەن-تېخنىكا ئىنقىلابىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ كاربون يىغىش ئىقتىدارىنى مۇستەھكەملەپ، ئۆستۈرۈپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇش ئۇسۇلىنى كېڭەيتىپ، يەر شارى كىلىماتىنى تۈزەشكە پائال قاتنىشىپ، تۈرلۈك تىرەك كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.


  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چىڭلى ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ج ك پ 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى سىستېمىلىق پىلانلىدى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا تونۇشتىن ئەمەلىيەتكىچە تارىخىي خاراكتېرلىك، بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك، ئومۇمىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولدى. دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككى ئومۇمىيەت»نى كۆڭلىگە پۈكۈپ، خەلق كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلارنى كۆزلەپ، يىغىننىڭ باش تېمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، پائال كېڭىشىپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، ئورتاق تونۇشنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى ھەقىقىي ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشى كېرەك.


  بۇ قېتىمقى دائىمىي كومىتېت يىغىنى نەق مەيدان يىغىنى ۋە سىن يىغىنىنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئۆتكۈزۈلدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدا ئاساسىي يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.
بېيجىڭ، شاڭخەي، شياڭگاڭدا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى. يىغىن مەزگىلىدە، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر» شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش »، « كەسىپ قۇرۇلمىسىنى چوڭقۇر تەڭشەپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش» ، « ئېنېرگىيە تۈزۈلمە ـ مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش» ، «ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش» ، «يېشىل پەن ـ تېخنىكا ئىنقىلابىنى كۈچەيتىش، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتى ۋە سىرت بىلەن تاشقى ئالاقە، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش» ،« سىياسەت، قانۇن ـ بەلگىلىمە، ئۆلچەم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇشنى كۈچەيتىش قاتارلىق مەخسۇس تېمىلارنى چۆرىدەپ مۇزاكىرە قىلىش كېرەك.


  ئېچىلىش يىغىنىدا، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە باش كاتىپى لى بىن قاتارلىقلار ئالاقىدار قارالمىلار توغرىسىدا ئىزاھات بەردى. يىغىندا خۇاڭ رۈنچيۇ، جياڭ دامىڭ، ساۋ پېيشى، ئوۋياڭ مىڭگاۋ، سى زېفۇ، نەن سۇنخۇي قاتارلىق ئالتە دائىمىي كومىتېت ئەزاسى سۆز قىلدى.


  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن ليۇ چىباۋ، ۋەن گاڭ، خې خوۋخۇا، لۇ جەنگۇڭ، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، لياڭ جېنيىڭ، شيا باۋلۇڭ، باتېر، ۋاڭ يۇڭچىڭ، خې لىفېڭ، سۇ خۇي، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ قاتناشتى.

كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى



  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ