مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ جاۋاب خەت يېزىپ، قۇرۇقلۇق ئارمىيە پىيادە ئەسكەرلەر شۆيۈەنىنىڭ 2022 - يىلى ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان بارلىق كۇرسانتلىرىنى ئىلھاملاندۇردى

​ئېتىقادنى چىڭىتىپ، ئەستايىدىل بولۇپ، جان تىكىپ كۈرەش قىلىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك

2022.06.22 13:02 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا قۇرۇقلۇق ئارمىيە پىيادە ئەسكەرلەر شۆيۈەنىنىڭ 2022 - يىلى ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان بارلىق كۇرسانتلىرىغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلارنى ئىلھاملاندۇردى.


  شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق بىلدۈردى: سىلەر مەكتەپتىكى مەزگىلدە ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۈڭلار، پات ئارىدا ئوقۇش پۈتكۈزۈپ ھەربىي گازارمىلارغا بارىسىلەر، مەن سىلەرنى تەبرىكلەيمەن! سىلەر جاپالىق چەت، يىراق رايونلارغا بېرىپ، ئەسكەرلەرنى مەشىق قىلدۇرۇپ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش بىرىنچى سېپىدىكى قىسىملارغا بېرىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلارغا بېرىپ تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىشقا ئىرادە باغلىدىڭلار، مەن بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم. ئەزىمەتلەر قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئىرادىسىدىن قايتمايدۇ. سىلەرنىڭ ئېتىقادنى چىڭىتىپ، ئەستايىدىل بولۇپ، قىسىم چوڭ پېچىدا ئومۇميۈزلۈك چېنىقىپ، جان تىكىپ كۈرەش قىلىپ، ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.


  شى جىنپىڭ ئارمىيەمىزنىڭ مەكتەپ مائارىپى ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. 2019 - يىلى 5 - ئايدا، ئۇ مەخسۇس قۇرۇقلۇق ئارمىيە پىيادە ئەسكەرلەر شۆيۈەنىگە بېرىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ، مەكتەپ باشقۇرۇش، ئادەم تەربىيەلەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كەڭ كۇرسانتلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ يېتىلىشىگە سەمىمىي ئۈمىد باغلىدى. شۆيۈەننىڭ 2022 - يىلى ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان كۇرسانتلىرى جەمئىي 1100دىن ئارتۇق بولۇپ، ئوقۇش پۈتكۈزۈش بىرلەشمە ئىمتىھانىدا لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى %100، ئەلا بولۇش نىسبىتى %94 بولدى، 200 نەچچە ئادەم قېتىم شۆيۈەننىڭ ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسىدە مەشىق ئەلاچىلىرى بولۇپ باھالاندى، 60 نەچچە ئادەم قېتىم مەملىكەت بويىچە پۈتۈن ئارمىيە مۇسابىقىسىدە مۇكاپاتقا ئېرىشتى. يېقىندا، قۇرۇقلۇق ئارمىيە پىيادە ئەسكەرلەر شۆيۈەنىنىڭ 2022 - يىلى ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان بارلىق كۇرسانتلىرى رەئىس شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، ئۆگىنىش، مەشىق ئەھۋالىنى دوكلات قىلىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە يىلتىز تارتىپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن كۈرەش قىلىپ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىكى قەتئىي ئېتىقادى ۋە ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى.


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ