مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ گىرۇزىيە زۇڭتۇڭى بىلەن جۇڭگو ـ گىرۇزىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2022.06.13 13:46 مەنبە: خەلق تورى

  6 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ گىرۇزىيە زۇڭتۇڭى زۇرابىشۋىلى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.


  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن گىرۇزىيە ئەنئەنىۋى دوستانە ھەمكارلىق ھەمراھلىرى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 30 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، خەلقئارا ئىشلاردا ئۈنۈملۈك ئالاقىلىشىپ، ماسلىشىپ، جۇڭگو ـ گىرۇزىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت خەلقى سەمىمىي ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىپ، ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئېسىل داستاننى پۈتتى.


  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەن جۇڭگو ـ گىرۇزىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ زۇرابىشۋىلى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو ـ گىرۇزىيە مۇناسىۋىتى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.


  زۇرابىشۋىلى مۇنداق بىلدۈردى: گىرۇزىيە تەرەپ گىرۇزىيە ـ جۇڭگو دوستانە مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پائال كۈچ چىقىرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ