مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى

2022.06.17 14:17 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن كېيىن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى.


  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، يەرشارىۋى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش ئالدىدا، جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتى ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىدى. ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى پۇختا قەدەمدە ئالغا سىلجىتىلدى، خېيخې-بلاگوۋېشېنسك تاشيولى كۆۋرۈكىدە قاتناش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئىككى دۆلەت ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرىدىغان بىر يېڭى يول ئېچىلدى. جۇڭگو تەرەپ رۇسىيە تەرەپ بىلەن ئىككى تەرەپلىك ئەمەلىي ھەمكارلىقنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ رۇسىيە تەرەپ بىلەن داۋاملىق ئىگىلىك ھوقۇق، خەۋپسىزلىك قاتارلىق يادرولۇق مەنپەئەتكە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە بىر-بىرىنى قوللاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق مۇھىم خەلقئارا ۋە رايون تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا تەرتىپ ۋە يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.


  پۇتىن مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو قالتىس تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈردى، رۇسىيە تەرەپ چىن كۆڭلىدىن تەبرىكلەيدۇ. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى پۇختا قەدەمدە تەرەققىي قىلدى. رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى قوللايدۇ، ھەرقانداق كۈچنىڭ ئاتالمىش شىنجاڭ، شياڭگاڭ، تەيۋەن قاتارلىق مەسىلىلەرنى باھانە قىلىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش ۋە تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق خەلقئارا تەرتىپ ئورنىتىش ئۈچۈن ئىجابىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ.


  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئۇكرائىنا مەسىلىسى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ باشتىن-ئاخىر ئۇكرائىنا مەسىلىسىدىكى تارىخىي ئۇزۇنلۇق-كەڭلىك ۋە ئىشنىڭ ھەق-ناھەق، يوللۇق ياكى يولسىز ئىكەنلىكىنى چىقىش قىلىپ، مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئاساسىدا ھۆكۈم چىقىرىپ، دۇنيا تىنچلىقىنى پائال ئىلگىرى سۈرىدۇ، يەرشارىۋى ئىقتىسادىي تەرتىپنىڭ مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ھەرقايسى تەرەپلەر جەزمەن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ مۇۋاپىق ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق بۇنىڭ ئۈچۈن تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر


  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ