مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بۇيرۇق ئىمزالىدى

«ئارمىيەنىڭ بىرەسمىي جەڭ ھەربىي ھەرىكەت پىروگراممىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نى ئېلان قىلدى

2022.06.15 14:26 مەنبە: خەلق تورى

  مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا بۇيرۇق ئىمزالاپ، «ئارمىيەنىڭ بىرەسمىي جەڭ ھەربىي ھەرىكەت پىروگراممىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نى ئېلان قىلدى، 2022-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.


  «پىروگرامما» شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىشنى كۆزلەپ خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغداپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە رايون مۇقىملىقىنى قوغداپ، ھەربىي كۈچنى ئىشلىتىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئارمىيەنىڭ بىرەسمىي جەڭ ھەربىي ھەرىكىتىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنىڭ بۇرچى، ۋەزىپىسىنى ئۈنۈملۈك ئادا قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.


  «پىروگرامما» جەمئىي ئالتە باب، 59 ماددا بولۇپ، ئىلگىرىكى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئەمەلىي تەجرىبىلىرى ئەستايىدىل خۇلاسىلەنگەن، ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ ئالاقىدار نەزەرىيە نەتىجىلىرى كەڭ قوبۇل قىلىنغان، بۇنىڭدا ئاساسلىقى ئاساسىي پىرىنسىپ، تەشكىلىي قوماندانلىق، ھەرىكەت تىپى، ھەرىكەت كاپالىتى، سىياسىي خىزمەت قاتارلىقلار سىستېمىلىق قېلىپلاشتۇرۇلغان بولۇپ، قىسىمنىڭ بىرەسمىي جەڭ ھەربىي ھەرىكىتىنى ئىجرا قىلىشىنى قانۇن-نىزام ئاساسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر


  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ