مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ​

جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، دۆلىتىمىز كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇش كېرەك

2022.06.17 14:19 مەنبە: خەلق تورى

  6 - ئاينىڭ 16 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 12 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، دۆلىتىمىز كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇش كېرەك» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.


  ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: ئادەمنىڭ ھاياتى، قىممىتى، ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغداپ، ھەممە ئادەم كىشىلىك ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئورتاق ئىنتىلىشى. كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ بوشاشماس ئىنتىلىشى. پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش تارىخىغا پارتىيەنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، كىشىلىك ھوقۇقنى قولغا كەلتۈرۈش، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش، كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈش، كىشىلىك ھوقۇقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى سىڭگەن. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈشنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدۇق.


  ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: دۆلىتىمىز كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئەمەلىيىتىدە، بىز ماركسىزملىق كىشىلىك ھوقۇق قارىشىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى خۇلاسىلەپ، ئىنسانىيەتنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيلىك نەتىجىلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇنلاشقان، ئۆز دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولىنى ئاچتۇق. بىرىنچى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇردۇق. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىزم تۈزۈمى دۆلىتىمىز كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ سوتسىيالىستىك خاراكتېرىنى بەلگىلىگەن. ئىككىنچى، خەلقنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىغا ھۆرمەت قىلىشتا چىڭ تۇردۇق. خەلقچىللىق جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولىنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى. ئۈچىنچى، دۆلىتىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇردۇق. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولى جەزمەن ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالى ۋە ئۆز دۆلىتى خەلقلىرىنىڭ ئارزۇسىغا ئاساسەن بەلگىلىنىشى كېرەك. تۆتىنچى، ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقىنى بىرىنچى ئورۇندىكى ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇق قىلىشتا چىڭ تۇردۇق. ياشاش بارلىق كىشىلىك ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشنىڭ ئاساسى، خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق. بەشىنچى، كىشىلىك ھوقۇقنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈشتە چىڭ تۇردۇق. قانۇنچىللىق كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك كاپالىتى. ئالتىنچى، يەرشارىۋى كىشىلىك ھوقۇقنى ئىدارە قىلىشقا پائال قاتنىشىشتا چىڭ تۇردۇق. كىشىلىك ھوقۇقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ئىشى. ھەرقايسى دۆلەتلەر كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولىنى ئۆز ئالدىغا تاللاشقا ھوقۇقلۇق، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىك، ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشى، ئۆزئارا كەڭ قورساق بولۇشى، ئۆزئارا ئالماشتۇرۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشى كېرەك.


  ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كىشىلىك ھوقۇق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، دۆلىتىمىز كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى بىرقانچە جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇش كېرەك. بىرىنچى، كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىككىنچى، كىشىلىك ھوقۇق قانۇنچىللىق كاپالىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئۈچىنچى، توغرا بولغان كىشىلىك ھوقۇق قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. تۆتىنچى، يەرشارىۋى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئىدارە قىلىنىشىغا پائال تۈرتكە بولۇش كېرەك. بەشىنچى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈرىشىنى پائال قانات يايدۇرۇش كېرەك. كىشىلىك ھوقۇق تارىخىي بولىدۇ، كونكرېت بولىدۇ، ئەمەلىي بولىدۇ، ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ جەمئىيەت، سىياسىي شارائىتى ۋە تارىخىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسىدىن ئايرىلغان ھالدا كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدا قۇرۇق گەپ سېتىشقا بولمايدۇ. بىر دۆلەتتە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ بار - يوقلۇقىغا باھا بېرىشتە، باشقا دۆلەتنىڭ ئۆلچىمى بىلەن ئۆلچەشكە بولمايدۇ، قوش ئۆلچەم قوللىنىشقا، ھەتتا كىشىلىك ھوقۇقنى باشقا دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىدىغان سىياسىي قورال قىلىۋېلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.


  ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى دۆلىتىمىز كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى تارىخىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشى، ھەر دەرىجىلىك كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار ماركسىزملىق كىشىلىك ھوقۇق قارىشى، ھازىرقى زاماندىكى جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق قارىشىنى ئاڭلىق ئۆگىنىشى، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ساھەلەر كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىز كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.


  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ