مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش تېزىسى» نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2022.06.22 13:04 مەنبە: خەلق تورى

  شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تەشكىللەپ تۈزگەن «شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش تېزىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «تېزىس» دېيىلدى) ناملىق كىتاب خەلق نەشرىياتى، ئۆگىنىش نەشرىياتى تەرىپىدىن بىرلىشىپ نەشر قىلىندى، بۈگۈندىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلىدۇ.


  پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، پۈتۈن ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ، چوڭ ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئەمەلىيەت جەريانىدا شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى ۋە راۋاجلاندۇردى. شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنىڭ سىستېمىسى مۇكەممەل، ئىچكى خاس مەزمۇنى مول، مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنغا ئىگە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا قانداق قاراش، قانداق ئىشلەش قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە چوڭقۇر جاۋاب بەردى، بۇ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ھارماي - تالماي ئىزدىنىپ شەكىللەندۈرگەن قىممەتلىك ئىدىيە جەۋھىرى، ماركسىزملىق سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ ھازىرقى زامان جۇڭگودىكى، 21 - ئەسىر دۇنيادىكى ئەڭ يېڭى نەزەرىيە نەتىجىسى، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ ئىلمىي كۆرسەتمىسى.


  «تېزىس» جەمئىي 15 باب، 58 تارماق، 146 ماددا، 100 مىڭ خەت. پۈتۈن كىتابتا شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى، مول ئىچكى خاس مەزمۇنى، ئەمەلىيەت تەلىپى سىستېمىلىق بايان قىلىنغان ۋە چۈشەندۈرۈلگەن بولۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىقتىساد ساھەسىدىكى ئىجادىي تۆھپىسى ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. «تېزىس»نىڭ مەزمۇنى مول، قۇرۇلمىسى پۇختا، ئەسلىي تېكىست، ئەسلىي ئەسەرگە سادىق، يېزىقچىلىق ئۇسلۇبى جانلىق، پۇختا بولۇپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشىدىكى مۇھىم قوشۇمچە ئوقۇشلۇق ھېسابلىنىدۇ.


  مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىدىن «تېزىس»نى ئۆگىنىش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئومۇميۈزلۈك سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، ۋاقتىدا يېتىشىپ ئۆگىنىپ، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسى ئارقىلىق ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىگىلەش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش نەتىجىسىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى جانلىق ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشنى تەلەپ قىلدى.


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ