مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2022.06.16 20:04 مەنبە: خەلق تورى

  ئەلئارا سېلىنمىنى قوللاش ۋە كۆپ نەپ ئالىدىغان تۈرلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرلىرى بېكىتىلىپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، ئىستېمال ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى باسقۇچلۇق كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش بېكىتىلىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى كۈچلۈك قوللاش ئېنىق بەلگىلەندى؛ كارخانىلارغا چېتىشلىق بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەق ئېلىشنى مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇش قارار قىلىندى، مەمۇرىي، كەسپىي ھەق ئېلىشنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 6-ئاينىڭ 15-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا ئەلئارا سېلىنمىنى قوللاش ۋە كۆپ نەپ ئالىدىغان تۈرلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرلىرى بېكىتىلىپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، ئىستېمال ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى باسقۇچلۇق كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش بېكىتىلىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ۋە ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى كۈچلۈك قوللاش ئېنىق بەلگىلەندى؛ كارخانىلارغا چېتىشلىق بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەق ئېلىشنى مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇش قارار قىلىندى، مەمۇرىي، كەسپىي ھەق ئېلىشنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»نىڭ ئومۇمىي پىكىر يولى، سىياسەت يۆنىلىشى بويىچە، مەۋقەنى نۆۋەتتىكى مۇقىم ئېشىشقا قويۇپ، يىراقنى كۆزلەپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ۋاقىت كۆزنىكىنى چىڭ تۇتۇپ، ئارىلىقنى تەڭشەش-تىزگىنلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ ھەم سالماقنى كەسكىن ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش سىياسىتىنى تولۇق چىقىرىپ، ھەم پۇلنى ئارتۇق تارقاتماي، چىقىمنى كىرىمدىن ئاشۇرۇۋەتمەي، بازار سۇبيېكتىغا، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كۈچەپ كاپالەتلىك قىلىپ، ماكرو ئىگىلىكنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىشتە ھەم كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، قۇرۇلمىنى تەڭشىگىلى بولىدىغان، ھەم ئىستېمال ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتكىلى بولىدىغان، بىر ئىشتىن كۆپ ئۈنۈم ئالىدىغان تۈرلەرنى يولغا قويۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاش كېرەك. ئەلئارا سېلىنما پۈتۈن جەمئىيەت سېلىنمىسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ، «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ، سىياسەت جەھەتتىن قوللاشنى زورايتىپ، بازار چارىسى، ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئارقىلىق ئەلئارا سېلىنمىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك.

  بىرىنچى، «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى 102 تۈرلۈك مۇھىم، زور قۇرۇلۇش ۋە دۆلەت بېكىتكەن نۇقتىلىق قۇرۇلۇش ساھەسىدە بىر تۈركۈم ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرلىرىنى تاللاپ، ئەلئارا كاپىتالنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلىش كېرەك. بېكىتىلگەن قاتناش، سۇچىلىق قاتارلىق تۈرلەرنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش جەريانىدا ئەلئارا سېلىنمىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش ھەم ئىش تېپىپ بېرىپ قۇتقۇزۇشنىڭ كونكرېت تەدبىرلىرىنى تېزدىن يولغا قويۇش كېرەك؛ ئىككىنچى، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئەلئارا مەبلەغ سېلىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، چوڭ تۈرلەرنى يەرلىكنىڭ نۇقتىلىق تۈر ئامبىرىغا كىرگۈزۈش ھەم يەر ئىشلىتىش قاتارلىق كاپالەتلەرنى كۈچەيتىش كېرەك. جايلار ئەلئارا سېلىنمىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداپ، سىياسەت ۋەدىسىنى قاتتىق ئادا قىلىشى كېرەك. سۇپا ئىقتىسادىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا، ئەلئارا كاپىتالنىڭ ئىگىلىك تىكلەش سېلىنمىسىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا مەدەت بېرىش لازىم؛ ئۈچىنچى، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى داۋاملىق قەرز بېرىش، قەرەلىنى ئۇزارتىش قاتارلىق ئەلئارا سېلىنمىنى قوللاشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان تۈرلەرنى ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىكى بىلەن تەمىنلەش لازىم. ئەلئارا سېلىنمىغا يۈزلەنگەن كۆچمەس مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش ھاۋالە فوندى تۈرىنى چىڭ تۇتۇپ يولغا قويۇش كېرەك. پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ بازارلاشقان قەرزنى پايغا ئۆزگەرتىشىگە ئىلھام بېرىش لازىم. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يەر ئاستى ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا كارىدورى شەھەرنىڭ ئىچكى قۇرۇلۇشى بولۇپ، مەبلەغ سېلىش يوشۇرۇن كۈچى زور، يېتەكلەش ئىقتىدارى كۈچلۈك، كۆپ پايدا ئالىدىغان ۋەكىللىك تۈر. ئورۇنلاشتۇرۇلغان شەھەر كونا تۇرۇبا تورىنى ئۆزگەرتىشكە بىرلەشتۈرۈپ، يەر ئاستى ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا كارىدورى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىلمىي پىلانلاپ، سىياسەت جەھەتتىن قوللاشنى كۈچەيتىپ، ھەق ئېلىپ نەپ ئېلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي كاپىتالنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلىش كېرەك. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى ئۇزاق مۇددەتلىك قەرز پۇل تارقىتىشقا يېتەكلەپ، تۈر سۇبيېكتلىرىنىڭ كىرېدىت زايومى تارقىتىشىدا بازارلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىشەنچنى ئاشۇرۇشقا مەدەت بېرىش لازىم.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 150 مىليون بازار سۇبيېكتىنى ساقلاپ قالغاندا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ساقلىغىلى بولىدۇ. كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا يەنىمۇ ياردەم بېرىش ۋە ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان رايونلارغا قارىتا ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئۈچ ئايلىق ھەق تاپشۇرۇشىنى كېچىكتۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىنىدۇ، كۆلىمى تەخمىنەن 150 مىليارد يۈەن بولىدۇ. سىياسەتنى يولغا قويۇشتا بازار سۇبيېكتىغا بىۋاسىتە بېرىپ، ئىلتىماس قىلسىلا كەچۈرۈم قىلىشتىن بەھرىمەن بولۇش كېرەك. داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش تەمىناتتىن بەھرىمەن بولۇشقا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، ئاتچوت قىلىش نىسبىتى ۋە دورا تۈرىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، مەلۇم قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق مەلۇم قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: كارخانىلارغا چېتىشلىق بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەق ئېلىشنى مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، قاتناش ئەشيا ئوبوروتى، سۇ، توك، گاز، پار، پۇل مۇئامىلە، يەرلىك مالىيە-ئىقتىساد، ساھە جەمئىيەتلىرى، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى ۋە ۋاسىتىچى ئاپپاراتلار قاتارلىق ساھەلەرنى مۇھىم نۇقتا قىلىش كېرەك. جايلار، تارماقلار 7-ئايدىن 9-ئايغىچە ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈپ، ئۆزى تۈزىتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش نامىدىن پايدىلىنىپ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەق ئېلىش، بۇيرۇق بىلەن بىكار قىلىنغان ھەقلەرنى ئېلىش، مەجبۇرىي باغلاپ تېڭىپ سېتىش، قالايمىقان تەكشۈرۈش، قالايمىقان جەرىمانە قويۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق تۈزىشى كېرەك. ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈش، ئۆزى تۈزىتىشنى مۇۋاپىق پەيتتە بىرلىشىپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، تىپىك مەسىلىلەرنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ ھەم ئاشكارىلاپ، ئىسلاھات چارىسى ئارقىلىق ئۇزاق ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تارماقلاردا ئومۇمىيەت ئېڭى، جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇش قارىشى بولۇشى، ئۆز ساھەسىدىكى كارخانا، يەككە سودا-سانائەتچىلەرگە چېتىلىدىغان مەمۇرىي، كەسپىي خاراكتېرلىك ھەق ۋە كاپالەت پۇلىنى سىستېمىلىق رەتلەپ، پىرىنسىپ جەھەتتىن بىر پەسىل كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش، كېچىكتۈرگەنلىك پۇلىنى ئالماسلىقى كېرەك. كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش تىزىملىكىنى تۈزۈش ۋە ئېلان قىلىش ھەمدە ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ