مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ، «داگۇڭباۋ گېزىتى» نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 120 يىللىقىنى تەبرىكلەپ مۇنداق تەكىتلىدى

ۋەتەنپەرۋەرلىك ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جاسارەت بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىپ، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» ئەمەلىيىتىنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم داۋاملىشىشى ئۈچۈن تېخىمۇ قالتىس دەۋر سەھىپىسىنى پۈتۈش كېرەك

2022.06.14 13:21 مەنبە: خەلق تورى

  تەبرىك خېتى


  «داگۇڭباۋ گېزىتى» نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 120 يىللىقى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، مەن بارلىق خىزمەتچى خادىملارنى قىزغىن تەبرىكلەيدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن!


  بىر ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، «داگۇڭباۋ گېزىتى» «ئۆزىنى ئۇنتۇپ ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كۆزلەش، خالىس ئومۇمنى ئويلاش»تىن ئىبارەت گېزىت باشقۇرۇش ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇم ئۈچۈن سۆز قىلىپ، ماقالە ئارقىلىق ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇپ، يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن، شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنىشى، گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلدى. يېڭى دەۋرگە كىرگەندىن كېيىن، «داگۇڭباۋ گېزىتى» بايرىقى روشەن ھالدا ئىجابىي سادا ياڭرىتىپ، جەمئىيەت ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، شياڭگاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، شياڭگاڭنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتىش، كىشىلەر قەلبىنى قايتۇرۇپ كېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشتى.


  «داگۇڭباۋ گېزىتى»نىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جاسارەت بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىپ، تارقىتىش كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» ئەمەلىيىتىنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم داۋاملىشىشى ئۈچۈن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ قالتىس دەۋر سەھىپىسىنى پۈتۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


  شى جىنپىڭ


  2022- يىلى 6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى


  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى)


  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شياڭگاڭ، 6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى «داگۇڭباۋ گېزىتى» نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 120 يىللىقى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، بارلىق خىزمەتچى خادىملارنى قىزغىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: بىر ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، «داگۇڭباۋ گېزىتى» «ئۆزىنى ئۇنتۇپ ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كۆزلەش، خالىس ئومۇمنى ئويلاش»تىن ئىبارەت گېزىت باشقۇرۇش ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇم ئۈچۈن سۆز قىلىپ، ماقالە ئارقىلىق ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇپ، يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن، شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنىشى، گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلدى. يېڭى دەۋرگە كىرگەندىن كېيىن، «داگۇڭباۋ گېزىتى» بايرىقى روشەن ھالدا ئىجابىي سادا ياڭرىتىپ، جەمئىيەت ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، شياڭگاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، شياڭگاڭنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتىش، كىشىلەر قەلبىنى قايتۇرۇپ كېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشتى.


  شى جىنپىڭ «داگۇڭباۋ گېزىتى»دىن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جاسارەت بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىپ، تارقىتىش كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» ئەمەلىيىتىنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم داۋاملىشىشى ئۈچۈن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ قالتىس دەۋر سەھىپىسىنى پۈتۈشنى ئۈمىد قىلدى.


  «داگۇڭباۋ گېزىتى» نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 120 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمى 6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن كېيىن شياڭگاڭدا ئۆتكۈزۈلدى، مۇراسىمدا شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتى ئوقۇپ ئۆتۈلدى.


  «داگۇڭباۋ گېزىتى» 1902 - يىلى 6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى نەشر قىلىنغان بولۇپ، نۆۋەتتە دۇنيادا داۋاملىق تارقىتىلىۋاتقان تارىخى ئەڭ ئۇزاق بولغان جۇڭگو تىل - يېزىقىدىكى گېزىت ھېسابلىنىدۇ. 2016 - يىلى شياڭگاڭ «ۋېنخۇيباۋ گېزىتى» بىلەن بىرلىشىپ شياڭگاڭ داگۇڭ - ۋېنخۇي تاراتقۇ گۇرۇھى بولۇپ قۇرۇلغاندىن كېيىن، يۇغۇرما تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىپ، مەۋقەنى شياڭگاڭغا قويغان، پۈتۈن يەرشارىدىكى جۇڭگولۇقلارغا يۈزلەنگەن پۈتۈن تاراتقۇ تارقىتىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرگەن.
مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ