مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

رەقەملىك ئىقتىساد تەرەققىياتىنىڭ يېڭى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، «يېڭى مۇسابىقە يولى»دا باشلامچى كەسىپنىڭ قەد كۆتۈرۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش

2022.06.22 12:58 مەنبە: خەلق تورى

  رەقەملىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى يېڭى پۇرسىتىنى ئىگىلەشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تاللاش. يېڭى دەۋردە، گۈيجوۋ رەقەملىك ئىقتىساد ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا يېڭى پۇرسەتنى چىڭ تۇتتى.


  2015-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۈيياڭ شەھەرلىك چوڭ سانلىق مەلۇمات قوللىنىشچان كۆرگەزمە مەركىزىگە بېرىپ، مۇنداق تەكىتلىدى: ئۇچۇرلاشتۇرۇش بىلەن سانائەتلەشتۈرۈشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ئۇچۇرلاشتۇرۇش جەھەتتە كۆپرەك باش قاتۇرۇش، ئەمەلىي تەدبىرلەرنى كۆپرەك قوللىنىش كېرەك.


  بۇ گۈيجوۋغا، پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلەنگەن تاپىلاشلار ئىدى. ئەينى چاغدا، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا سۈرئەت جەھەتتە ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان، قۇرۇلما ئەلالىشىشىۋاتقان، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئالمىشىۋاتقان ئۈچ چوڭ ئالاھىدىلىك كۆرۈلگەنىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «يېڭى نورمال ھالەتكە ماسلىشىش، يېڭى نورمال ھالەتنى ئىگىلەش، يېڭى نورمال ھالەتكە يېتەكچىلىك قىلىش ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ چوڭ لوگىكىسى» دېدى.


  قانداق قىلغاندا يېڭى نورمال ھالەتتە ئىقتىسادنىڭ قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىستراتېگىيەسىنى تەڭشەشنى ئالغا سىلجىتقىلى بولىدۇ؟ گۈيجوۋ يېڭىلىق يارىتىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويدى. 2014-يىلى، گۈيجوۋ ئۆلكىسى چوڭ سانلىق مەلۇمات تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ھەرىكىتىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى. ئەمەلىيەت ئۈستىدە ئىزدىنىشنىڭ ئاچقۇچلۇق باسقۇچىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقى گۈيجوۋنىڭ تەرەققىياتىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.


  رەقەملىك ئىقتىساد نۆۋەتتىكى ۋە كەلگۈسى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ «يېڭى مۇسابىقە يولى». يېڭى دېمەك كەڭ پۇرسەتتىن، چەكسىز يوشۇرۇن كۈچتىن دېرەك بېرىدۇ. گۈيجوۋ باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، دۆلەت دەرىجىلىك تۇنجى چوڭ سانلىق مەلۇمات ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى قۇرۇپ، سانلىق مەلۇمات بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، ئېچىۋېتىش، چوڭ سانلىق مەلۇماتتا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى قوللىنىش قاتارلىق جەھەتلەردە سىستېمىلىق سىناقنى قانات يايدۇردى؛ جۇڭگو خەلقئارا چوڭ سانلىق مەلۇمات كەسپى كۆرگەزمىسىنى ئۇدا ئۆتكۈزۈپ، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان چوڭ سانلىق مەلۇمات پەن-تېخنىكىسى، مەھسۇلاتى، قوللىنىش ئەندىزىسىنى مۇجەسسەملەپ، «يېڭى مۇسابىقە يولى»دا باشلامچى كەسىپنىڭ قەد كۆتۈرۈشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇردى. ھازىر گۈيجوۋدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ۋە قۇرۇلۇۋاتقان نۇقتىلىق سانلىق مەلۇمات مەركىزى 25كە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ تىپتىكى سانلىق مەلۇمات مەركىزىدىن 11ى بار بولۇپ، جۇڭگونىڭ جەنۇبىدىكى سانلىق مەلۇمات مەركىزى ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىغا ئايلاندى، شۇنداقلا دۇنيا بويىچە دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ تىپتىكى سانلىق مەلۇمات مەركەزلىرى ئەڭ كۆپ رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.


  گۈيياڭ شەھىرى دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا رايونىغا جايلاشقان گۈيجوۋ خەنكەيسى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ زاۋۇت رايونىدا ئۆزگىچە ياسالغان شوپۇرسىز كىچىك ئاپتوموبىللار موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. «گۈيجوۋ چوڭ سانلىق مەلۇمات كەسپىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور، بىرلەمچى، ئىككىلەمچى كەسىپ زەنجىرى كارخانىنىڭ تەرەققىياتىنى ياخشى ئاساس بىلەن تەمىنلىدى» دېدى، شىركەتنىڭ قۇرغۇچىسى يۈ چۈەن.


  «يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈشنى كۆزلەپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك». 2021-يىلى 2-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم گۈيجوۋغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، يەنە بىر قېتىم رەقەملىك ئىقتىساد ئىستراتېگىيەسى ئۈستىدە توختالدى.
ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يەنە يولغا چىقىش. چوڭ سانلىق مەلۇماتنىڭ ئالدىن تەرەققىي قىلىش ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، گۈيجوۋ ئۆلكىسى رەقەملىك كەسىپلەشتۈرۈش، كەسىپلەرنى رەقەملەشتۈرۈشكە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، «1000 كارخانىنى ئۆزگەرتىش»، «10 مىڭ كارخانىنى يۇغۇرۇش» قاتارلىق ھەرىكەتلەر ئارقىلىق، چوڭ سانلىق مەلۇمات بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، 8485 كارخانىنى يۇغۇرۇپ، 23 مىڭدىن ئارتۇق كارخانىنى بۇلۇتقا چىقاردى. 2021-يىلى، گۈيجوۋنىڭ رەقەملىك ئىقتىساد قوشۇلما قىممىتى 650 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %34كە يېتىپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.


  بۇ يىل 1-ئايدا، «گۈيجوۋنىڭ يېڭى دەۋردە غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىشتا يېڭى يول ئېچىشىنى قوللاش توغرىسىدىكى پىكىر»دە گۈيجوۋنىڭ «رەقەملىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات يېڭىلىق يارىتىش رايونى»دىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. گۈيجوۋ يېڭى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، «14-بەش يىل»نىڭ ئاخىرىغىچە، چوڭ سانلىق مەلۇمات ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر كەسپىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنى 350 مىليارد يۈەندىن ئاشۇرۇپ، رەقەملىك ئىقتىساد قوشۇلما قىممىتىنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتىنى %50 ئەتراپىغا يەتكۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر


  مەنبە: خەلق تورى


مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ