مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ھەر مىللەت ئامما ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈلدى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق بېيىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى (تاپشۇرۇقنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەن ئون يىلدا)

2022.06.21 22:04 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا، بىرمۇ مىللەت كەم بولسا بولمايدۇ.

  دۇلۇڭ مىللىتى دۆلىتىمىزدىكى نوپۇسى ئازراق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاساسلىقى يۈننەن ئۆلكىسى نۇجياڭ لىسۇ ئاپتونوم ئوبلاستى گۇڭشەن دۇلۇڭ-نۇزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ دۇلۇڭجياڭ يېزىسىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. 2014-يىلى يېڭى يىل ھارپىسىدا، گۇڭشەن ناھىيەسىدىكى كادىرلار، ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان ئارزۇ قىلىپ كەلگەن گاۋلىگۇڭشەن دۇلۇڭجياڭ تاشيول تونېلىنىڭ تۇتاشتۇرۇلىدىغانلىق خەۋىرىنى دوكلات قىلدى، باش شۇجى خەتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن دەرھال مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ: «دۇلۇڭ مىللىتى ئاممىسىنىڭ تۇرالغۇ تۇرمۇش شارائىتى بىر قەدەر جاپالىق، مەن ئىزچىل سىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىڭلارنى ئەسلەپ كەلدىم» دەپ يازدى.

  بۇ سېغىنىش بىر قېتىملىق تەسىرلىك كۆرۈشۈشنى بارلىققا كەلتۈردى. 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى، يۈننەندە تەكشۈرۈشتە بولۇۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇڭشەن دۇلۇڭ نۇزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى كادىرلار، ئامما ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. باش شۇجى سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «دۇلۇڭ مىللىتىدە ئاران 6900 دىن ئارتۇق ئادەم بولۇپ، نوپۇسى كۆپ بولمىسىمۇ، يەنىلا جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ باراۋەر ئەزاسى»، «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشتە، بىرمۇ مىللەت كەم بولسا بولمايدۇ.»

  دۇلۇڭ مىللىتى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىن بىۋاسىتە سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ئۆتكەن ئاز سانلىق مىللەت. 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، دۇلۇڭ مىللىتى يەنە بىر قېتىم «بىر قەدەم تاشلاپ مىڭ يىل ھالقىپ» پۈتۈن مىللەت نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. 2019-يىلى 2-ئايدا، يۇرتداشلار يېزىلىق پارتكومغا باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، بۇ خۇش خەۋەرنى دوكلات قىلىشنى ھاۋالە قىلدى، 4-ئاينىڭ 10-كۈنى، باش شۇجى جاۋاب خەت يېزىپ، دۇلۇڭ مىللىتى ئاممىسىنى بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ يۇرتىنى ياخشى قۇرۇپ، چېگرا رايوننى ياخشى قوغداپ، تىرىشىپ دۇلۇڭ مىللىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى يارىتىشقا ئىلھاملاندۇردى.

  جۇڭخۇا مىللىتى بىر چوڭ ئائىلە، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللىي رايونلارنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەستىن چىقارمىدى.

  ئاز سانلىق مىللەت تۈرى ئەڭ كۆپ ئۆلكە بولۇش سۈپىتى بىلەن، يۈننەن تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بىۋاسىتە ھالقىپ ئۆتكەن مىللەتلەر ۋە نوپۇسى ئازراق مىللەتلەرگە دەل جايىدا ياردەم بېرىش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بىۋاسىتە ھالقىپ ئۆتكەن مىللەتلەر ۋە نوپۇسى ئازراق 11 مىللەتنى پۈتۈن مىللەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى. خاس يېزا ئىگىلىكى، مەدەنىيەت-ساياھەت قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرگە تايىنىپ، «بىر ناھىيەدە بىر كەسىپ»، «بىر كەنتتە بىر مەھسۇلات» بولۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىنىڭ ئورتاق بېيىشىغا تۈرتكە بولدى. «13-بەش يىل»لىق پىلان مەزگىلىدە، يۈننەندىكى مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %8.4 ئاشتى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى پۈتۈن ئۆلكىنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولدى.

  يۇرتنى ياخشى قۇرۇپ، چېگرا رايوننى ياخشى قوغداش لازىم. يۈننەننىڭ چېگرا لىنىيەسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 4060 كىلومېتىر بولۇپ، ئۇدا يولغا قويۇلغان «چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى» ئاساسىدا، 2015-يىلىدىن باشلاپ يەنە ئىككى قېتىم «چېگرا بويىدىكى ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتى» يولغا قويۇلدى. 2020-يىلى 5-ئايدا، يۈننەن ئۆلكىسى چېگرا بويىدىكى 30 تەبىئىي كەنتنى چېگرا رايوندا ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتى قىلىپ تاللىدى؛ يەنە ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، چېگرا بويىدىكى 374 مەمۇرىي كەنت (مەھەللە)نى چېگرادىكى دەسلەپكى قەدەمدە زامانىۋىلاشقان ھاللىق كەنت قىلىپ قۇرۇپ چىقتى.

  «باش شۇجى بىزگە شۇنچە كۆڭۈل بۆلۈۋاتسا، ئىككى قولىمىزغا تايىنىپ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرمىسەك خىجىل بولىمىز.» دۇلۇڭ مىللىتىدىن بولغان چاچلىرى ئاقارغان كەنت ئاھالىسى لى ۋېنشى 2015-يىلىنىڭ بېشىدا تۇنجى قېتىم دۇلۇڭجياڭ يېزىسىدىن چىقىپ، تۇنجى قېتىم ئايروپىلانغا ئولتۇردى، شۇ كۈنى باش شۇجى بىلەن كۆرۈشكەندىكى ھەربىر تەپسىلات ئۇنىڭ ئېسىدە ئېنىق بار. بۇ بىر نەچچە يىلدا بېيىش يولى بارغانسېرى كېڭەيدى. لى ۋېنشى ۋە كەنت ئاھالىلىرى توقۇغان دۇلۇڭ گىلىمى كىشىلەر ياخشى كۆرىدىغان ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇمىغا ئايلىنىپ، سېتىش يولىدىن غەم قىلمايدىغان بولدى.

  «كومپارتىيە چېگرا رايوننى پارلاق نۇرلاندۇردى، تاغ-دەريالار كىشىنى خۇشال قىلىدۇ. سوتسىيالىزم ياخشى، بەخت كۆۋرۈكى سېلىندى. ھەي... يول ماڭغانسېرى كېڭىيىدۇ...» شادىيانە ناخشا ساداسى يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ يۈرەك ساداسىنى ياڭراتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ