مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ نىرېر رەھبەرلىك كۈچى شۆيۈەنى جەنۇبىي ئافرىقا ئالتە ئاچا ـ سىڭىل پارتىيەسىنىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلار مۇھاكىمە كۇرسىدىكى بارلىق كۇرسانتلارغا جاۋاب خەت قايتۇردى

2022.06.13 13:45 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ 6 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى نىرېر رەھبەرلىك كۈچى شۆيۈەنى جەنۇبىي ئافرىقا ئالتە ئاچا ـ سىڭىل پارتىيەسىنىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلار مۇھاكىمە كۇرسىدىكى بارلىق كۇرسانتلارغا جاۋاب خەت قايتۇردى.


  شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: نىرېر رەھبەرلىك كۈچى شۆيۈەنى جەنۇبىي ئافرىقا ئالتە ئاچا ـ سىڭىل پارتىيەسىنىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلار مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، سىلەرنىڭ يېڭى دەۋردە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە دۆلەتكە رەھبەرلىك قىلىپ قانداق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك، تەرەققىياتنى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، دېگەن بۇ مۇھىم، زور تېمىنى چۆرىدەپ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، ئورتاق ئىلگىرىلىگىنىڭلاردىن خەۋەر تېپىپ، ناھايىتى سۆيۈندۈم.


  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى، خەلقنىڭ بەختىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئەۋلادمۇ ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئۇدا كۈرەش قىلىشىغا ئېھتىياجلىق. تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرۇش ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىغا ئېھتىياجلىق. سىلەر دەۋر تەرەققىياتىدىكى ئاۋانگارتلاردىن، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىكى تايانچلاردىن بولۇشقا ئىرادە باغلاپسىلەر، بۇ، دەل نىرېر رەھبەرلىك كۈچى شۆيۈەنىنى قۇرۇشتىكى دەسلەپكى مەقسەت. ياشلىق ھەمىشە ئارزۇغا ھەمراھ بولىدۇ. سىلەرنىڭ ئۆگەنگەننى ئىشلىتىپ، ئاساسنى پۇختىلاپ، ياراملىق بولۇپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ۋە ئافرىقىنى گۈللەندۈرۈش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە ياشلىق باھارىڭلارنى ئۇرغۇتۇشۇڭلارنى، غايەڭلارنى ئىشقا ئاشۇرۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.


  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئافرىقا جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا خەلقلىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك دوستلۇقىنىڭ ئۈمىدى ياش بىر ئەۋلادلاردا. سىلەرنىڭ دەۋر يۈكلىگەن مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى ئاڭلىق ھالدا زىممەڭلەرگە ئېلىپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ دوستلۇق ئىشلىرىغا پائال ئاتلىنىپ، جۇڭگو ـ ئافرىقا دوستلۇق ھەمكارلىق روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك جۇڭگو ـ ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا ياشلىق كۈچىڭلارنى قوشۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.


  يېقىندا، نىرېر رەھبەرلىك كۈچى شۆيۈەنى جەنۇبىي ئافرىقا ئالتە ئاچا ـ سىڭىل پارتىيەسىنىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلار مۇھاكىمە كۇرسى تانزانىيەدە ئۆتكۈزۈلدى. مۇھاكىمە كۇرسى «يېڭى دەۋر، يېڭى تەرەققىيات: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن جەنۇبىي ئافرىقا ئالتە ئاچا ـ سىڭىل پارتىيەسىنىڭ ئىزدىنىشى ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش» باش تېما قىلىندى، كۇرسقا جەنۇبىي ئافرىقا ئالتە ئاچا ـ سىڭىل پارتىيەسىدىن كەلگەن 120 ئوتتۇرا ياش، ياش كادىر قاتناشتى. مۇھاكىمە كۇرسى ئاخىرلىشىش پەيتىدە، بارلىق كۇرسانتلار باش شۇجى شى جىنپىڭغا بىرلىكتە خەت يېزىپ، جۇڭگو ـ ئافرىقا دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلىش، جۇڭگو ـ ئافرىقا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت قەتئىي ئىرادىسىنى بىلدۈرىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ