مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاڭ ياڭ سىنگاپور پارلامېنتىنىڭ باشلىقى چېن چۈەنرېن بىلەن كۆرۈشتى

2022.06.10 10:15 مەنبە: خەلق تورى

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ 6–ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭدا سىنلىق شەكىلدە سىنگاپور پارلامېنتىنىڭ باشلىقى چېن چۈەنرېن بىلەن كۆرۈشتى.


  ۋاڭ ياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن سىنگاپورنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى يېقىن، ئادىمىيەت ئالاقىسى قويۇق بولۇپ، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىدىغان، مەنپەئەتتە ئورتاقلىشىدىغان يېقىن قوشنىلار ۋە ھەمراھلار.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ خالىما، زۇڭلى لى شيەنلۇڭ بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. ئىككى تەرەپ بۇنى يېتەكچى قىلىپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى سۆزلىشىش مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رەقەملىك ئىقتىساد ۋە يېشىل ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن سىنگاپورنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشى سىنگاپور پارلامېنتى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ.


  چېن چۈەنرېن مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، قۇرۇقلۇق، دېڭىز يېڭى يولىنى ياخشى قۇرۇپ، ھەمكارلىق يېڭى ئېگىزلىكى يېتىشتۈرۈشنى خالايمىز. سىنگاپور پارلامېنتى جۇڭگو مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش بىلەن بولغان دوستلۇق ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.


  لى بىن، خې ۋېي كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ