مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا زامبىيە زۇڭتۇڭى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى زۇڭتۇڭى بىلەن تېلېفونلاشتى

2022.06.02 15:47 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن كېيىن زامبىيە زۇڭتۇڭى خىچىلېما بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - زامبىيە ئىككى دۆلەت ئەنئەنىۋى دوستلۇقتىكى «دائىملىق دوست»، جۇڭگو - زامبىيە دوستلۇقى يىمىرىلمەس مۇستەھكەم. ئۆتكەن بىر يىلدا، جۇڭگو - زامبىيە مۇناسىۋىتى پائال تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىدى، ئىككى تەرەپ سودا سوممىسىدا تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى، زامبىيە جۇڭگونىڭ بىۋاسىتە مەبلىغىنى ئەڭ كۆپ جەلپ قىلغان ئافرىقا دۆلىتىگە ئايلاندى. ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور، ئىستىقبالى پارلاق. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - زامبىيە مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، زامبىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - زامبىيە دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە، تېخىمۇ كەڭ ساھەگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتىن ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە ئۆزئارا قوللاپ، پارتىيەلەر ئارا ئالاقىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىشى كېرەك. ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىلىشىش ۋە سىياسەتنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ «توققۇز تۈرلۈك قۇرۇلۇش»ىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زامبىيەنىڭ تېخىمۇ كۆپ تاۋارلىرى، بولۇپمۇ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرىشىگە تۈرتكە بولۇش، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. تانزانىيە - زامبىيە تۆمۈريولى روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنىڭغا يېڭى دەۋر ئىچكى خاس مەزمۇنىنى يۈكلەپ، تانزانىيە - زامبىيە تۆمۈريولىنى رايون مۇھىم قاتناش يولىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن زامبىيە ئوخشاشلا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، زامبىيە قاتارلىق ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى راۋاجلاندۇرۇش جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك، قەتئىي ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى. ئىككى تەرەپ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان دىپلوماتىيە سىياسىتىگە ئەمەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قەتئىي قوغداپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما ۋە خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قەتئىي قوغدىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئافرىقا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، سەھىيە - ساغلاملىق، نامراتلىقنى ئازايتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش، سودا - سېلىنما، يېشىل تەرەققىيات، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئافرىقىنىڭ ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  خىچىلېما مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قالتىس رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو خەلقى گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى، زامبىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە چوڭقۇر قايىل. جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان زامبىيەنىڭ دۆلەت قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتىنى مۇھىم ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە ھەم زامبىيەنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى ۋاكسىنا قاتارلىق ياردەملەر بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. زامبىيە تەرەپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، زامبىيە بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى ئورناتقان ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۈكسەك دەرىجىدە ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە ھەمكارلىشىش روھى بويىچە، زامبىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايدۇ. زامبىيە تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى ۋە يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى رامكىسىدىكى ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى زۇڭتۇڭى مۇھەممەد بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىنىپ، يۈكسىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى دوستانە ھەمكارلىقى تارىختىكى ئەڭ ياخشى سەۋىيەگە يەتتى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو - ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مۇناسىۋىتىنىڭ ئېلاستىكىلىقى ۋە كەڭ ئىستىقبالىنى نامايان قىلدى. بۇ يىل 2 - ئايدا، سىز جۇڭگوغا كېلىپ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتىڭىز، بىز ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا كەڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق، ئالاقىدار ھەمكارلىقتا پائال ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. جۇڭگو تەرەپ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، دوستلۇقنى مۇستەھكەملەپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى پۇختىلاپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەرەپنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئۆز ئالدىغا ئىزدىنىشىنى قوللايدۇ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەرەپ بىلەن بىرلىكتە بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىنى قەتئىي قوللاپ، خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى قوغداش، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەرەپ بىلەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەرەپنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ يەنە ئادىمىيەت ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەرەپ بىلەن بىللە خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرى توغرىسىدا زىچ ئالاقىلىشىپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى ۋە يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى توغرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيانىڭ ئۇزاققىچە تىنچ بولۇشى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  مۇھەممەد مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل 2 - ئايدا جۇڭگوغا بېرىپ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقىمدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ناھايىتى ياخشى سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەت يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق نۇرغۇن ساھەدە مول نەتىجىلىك ھەمكارلاشتى. مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن بولغان قېرىنداشلارچە چوڭقۇر دوستلۇقنى قەدىرلەيمەن، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئۇلۇغ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولىمەن. مەن شۇنى قايتا تەكىتلەشنى خالايمەنكى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىلگىرى قەتئىي بىر سەپتە تۇرغان، ھازىرمۇ، كەلگۈسىدىمۇ قەتئىي بىر سەپتە تۇرىدۇ. ئىشىنىمەنكى، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى - جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى مۇقەررەر ھالدا تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى كۈتۈۋېلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ