مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار سىياسەت، تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىنى تېزلىتىپ، سۇبيېكت ۋە ئاممىنى بىلىشكە تېگىشلىكلىرىدىن تولۇق خەۋەردار قىلىش، بەھرىلىنىشكە تېگىشلىكلىرىدىن تولۇق بەھرىمەن قىلىش؛ قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بېرىش، يۆلەش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى پۇختا ساقلاش ئورۇنلاشتۇرۇلدى

2022.06.06 12:06 مەنبە: خەلق تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 6–ئاينىڭ 1–كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرىدىغان بىر قاتار سىياسەت- تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىنى تېزلىتىپ، سۇبيېكت ۋە ئاممىنى بىلىشكە تېگىشلىكلىرىدىن تولۇق خەۋەردار قىلىش، بەھرىلىنىشكە تېگىشلىكلىرىدىن تولۇق بەھرىمەن قىلىش؛ قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بېرىش، يۆلەش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى پۇختا ساقلاش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.


  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»نىڭ ئومۇمىي پىكىر يولى، سىياسەت يۆنىلىشىگە ئاساسەن ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار سىياسەت-تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ئاساسلىقى سىياسەتنى يولغا قويۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن. بۇ ھەم سالماقنى ۋاقتىدا ئاشۇرۇپ، ئىقتىساد ئومۇمىي گەۋدىسىنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر، ھەم بازار سۇبيېكتىنى چۆرىدىگەن ھالدا ماكرولۇق سىياسەتنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دەل جايىدا تەڭشەش-تىزگىنلەشنى يولغا قويۇپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، چىقىم قىلماسلىقتۇر. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تارماقلار تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، ئالتە جەھەتتىكى 33 تۈرلۈك سىياسەت، تەدبىرنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى تۈزۈپ يولغا قويۇشتا پائال ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. كېيىنكى قەدەمدە، بىرىنچىدىن سىياسەتنى يەنە ئومۇميۈزلۈك تاللاپ تەكشۈرۈپ، تەپسىلىيلەشتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بازار سۇبيېكتى ۋە ئاممىنى بىلىشكە تېگىشلىكلىرىدىن تولۇق خەۋەردار قىلىش، بەھرىلىنىشكە تېگىشلىكلىرىدىن تولۇق بەھرىمەن قىلىش كېرەك. باجنى توغرىلاپ چىقىرىۋېتىپ باج قايتۇرۇش بويىچە يېڭىدىن كۆپەيگەن 140 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك پۇلنى 7-ئايدا ئاساسىي جەھەتتىن قايتۇرۇپ بولۇش كېرەك. پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى قوللاشقا قارىتا، بانكىلارنىڭ سىياسەت خاراكتېرلىك 800 مىليارد يۈەنلىك كىرېدىت سوممىسىنى تەڭشەش ۋە ئاشۇرۇش ھەم نۇقتىلىق تۈرلەر تىزىملىكىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىش كېرەك. شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىشسىز دېھقان ئىشلەمچىلەرگە قارىتا، مەيلى ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىغا قاتناشسۇن ياكى قاتناشمىسۇن ۋاقىتلىق ياردەم پۇلى ياكى قۇتقۇزۇش ياردەم پۇلى بېرىش ھەمدە تارقىتىش سۇبيېكتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. ئاپتوموبىل كارخانىلىرى مەركەز تارقاتقان 90 مىليارد يۈەنلىك سودا يۈك ئاپتوموبىلى ئىشلەپ چىقىرىش قەرز پۇلىنىڭ دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى قايتۇرۇش مۇددىتىنى ئۇزارتىشتا، كارخانىلارنى توردا ئۇقتۇرۇش، يان تېلېفون قىسقا ئۇچۇرى قاتارلىقلار ئارقىلىق بېجىرىش ئۇسۇلىنى ئۇقتۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك. باشقا تۈرلۈك سىياسەتلەرنى تەپسىلىيلەشتۈرۈپ، مەشغۇلات قىلغىلى، ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولىدىغان قىلىش كېرەك. سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى يېقىندىن ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى ۋاقتىدا مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، ئىسلاھات تەدبىرى، بازارلاشتۇرۇش چارىسى ئارقىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. سىياسەتتىن «ئىلتىماس قىلمايلا بەھرىمەن بولۇش»، توردا بېجىرىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئەشيا ئوبوروتى چوڭ يولى ۋە مىكرو ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، توسۇش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق كارخانىلارغا «نۇقتىدىن نۇقتىغا» ياردەم بېرىش، يۆلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. مەبلەغ سېلىنغان تۈرلەرگە قارىتا، جايلار، ئالاقىدار تارماقلار ھېسابات دەپتىرى تۇرغۇزۇپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى ئەلالاشتۇرۇش، يەر ئىشلىتىشنى كۈچەيتىش قاتارلىق كاپالەت ئارقىلىق تېزدىن ئىش باشلاشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. يازلىق يىغىم مەزگىلىدە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ ھەقسىز راۋان يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سۇپا كارخانىلىرىنىڭ قانۇنلۇق، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن ھالدا چېگرا ئىچى-سىرتىدا پاي چېكىنى بازارغا سېلىشىنى قوللاش، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشقا چەك قويۇشنى كەڭ قويۇۋېتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. گوۋۇيۈەن 12 ئۆلكىگە ئەۋەتكەن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئاساسىدا تېزدىن دوكلات تەييارلاپ، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. جايلارنىڭ 2-پەسىللىك رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى، شەھەر-بازارلاردىكى ئىشسىزلىق نىسبىتىنى تەكشۈرۈش، باجنى توغرىلاپ چىقىرىۋېتىپ، باج قايتۇرۇش ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىنكى مالىيە كىرىمى، مال باھاسى قاتارلىق ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەرنى ئىستاتىستىكا قىلىش، مالىيە، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت، باج قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا ئۆلكىگە ئايرىپ ئېلان قىلىش كېرەك.


  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتە قىسمەن ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە كىرىمى تەسىرگە ئۇچراپ، ئاساسىي تۇرمۇشى قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى. قاراتمىلىق ھالدا سىياسەت جەھەتتىن ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى پۇختا ساقلاش كېرەك. بىرىنچىدىن، كۈتۈنۈش پۇلىنى ۋاقتىدا، تولۇق تارقىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، بۇ يىل ئۆلچەم بويىچە كۆپەيتىپ تارقىتىلىدىغان پېنسىيونېرلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى 7-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن دەل جايىدا تارقىتىپ بېرىپ، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى قاتارلىق ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ھەرىكەتچان كۆزىتىپ ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، ئىشسىز ۋە جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار، ئاسان نامراتلىشىپ كېتىدىغان ۋە تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى گىردابىدىكى ئاھالە قاتارلىقلارنى نۇقتىلىق رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، قىيىنچىلىقى بارلارغا ۋاقتىدا ياردەم بېرىش ياكى ئۇلارنى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈش كېرەك. جايلار ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتى، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارغا بىر قېتىمدىلا تۇرمۇش ياردەم پۇلىنى كۆپەيتىپ بەرسە بولىدۇ؛ ئۈچىنچىدىن، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ئاتچوت قىلىنىش نىسبىتى ۋە دورا تۈرىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى، داۋالاش- قۇتقۇزۇشتىن ئىبارەت ئۈچ مۇھىم ئۇنىۋېرسال كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىققا ئۇچراپ، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرالمىغانلارغا ۋاقىتلىق سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ياردىمى بېرىش كېرەك؛ تۆتىنچىدىن، تېخىمۇ كۆپ بولغان خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش بويىچە بېجىرىش مۇلازىمىتىنى ئۆلكە ھالقىپ بىر تۇتاش بېجىرىش، قولايلىق بېجىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ بەشىنچىدىن، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش مەبلىغىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تۇتۇپ قېلىپ ئىگىلىۋېلىش، يالغان مەلۇم قىلىپ كۆز بوياپ ئېلىۋېلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.


  يىغىندا باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر


  مەنبە: خەلق تورى



مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ