مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى جەنشۇ كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى پارلامېنت يىغىنىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا سىنلىق سۆز قىلدى

2022.06.10 10:14 مەنبە: خەلق تورى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى پارلامېنت يىغىنىنىڭ رەئىسى، رۇسىيە دۆلەت دۇماسىنىڭ رەئىسى ۋولوكىننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، 6-ئاينىڭ 6-كۈنى كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى پارلامېنت يىغىنىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا سىنلىق سۆز قىلدى.


  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك شەرتنامىسى ئىمزالانغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى ۋە كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى. بۇ تەشكىلات قۇرۇلغاندىن بۇيان، كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە خەۋپسىزلىكىنى قوغداش، رايونلارنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، رايون خەۋپسىزلىكىنىڭ يېڭى تەھدىتى، يېڭى خىرىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇھىم تەسىرگە ئىگە رايون خاراكتېرلىك خەلقئارا خەۋپسىزلىك تەشكىلاتىغا ئايلاندى.


  لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز ئۆزگىرىۋاتىدۇ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇم ئەھۋالى داۋاملىق تەكرارلىنىۋاتىدۇ، ھەر خىل ئەنئەنىۋى ۋە يېڭىدىن شەكىللەنگەن خەۋپسىزلىك تەھدىتى ئۈزۈلمەي پەيدا بولۇۋاتىدۇ، يەككە تەرەپچىللىك، زومىگەرلىك، زوراۋانلىق سىياسىيسىنىڭ تەھدىتى كۈچىيىۋاتىدۇ، ئىنسانىيەت دۇچ كېلىۋاتقان خەۋپسىزلىك خىرىسى بارغانسېرى گەۋدىلىك بولماقتا.
لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ يېقىندا بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى يىللىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا دۇنيا خەۋپسىزلىكى تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگونىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقتىمۇ، خەۋپ-خەتەردىمۇ بىللە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىكىنى قوغداش مەيدانى توغرىسىدىكى تەشەببۇسىنى سىستېمىلىق شەرھلەپ، ئىنسانىيەتنىڭ خەۋپسىزلىك ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. جۇڭگو ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل خەۋپسىزلىك قارىشىنى يېتەكچى، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشنى ئاساسىي مىزان، خەۋپسىزلىكنى ئايرىۋېتىشكە بولمايدىغانلىقىنى مۇھىم پىرىنسىپ، خەۋپسىزلىك ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى كەلگۈسى نىشان قىلىپ، سۆھبەتلىشىش __ قارشىلاشماسلىق، ھەمراھ بولۇش __ ئىتتىپاق تۈزمەسلىك، ئورتاق پايدا ئېلىش __ نەتىجىسىز بولماسلىقتەك يېڭىچە خەۋپسىزلىك يولىدا مېڭىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. جۇڭگونىڭ دۇنيا خەۋپسىزلىكى تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىكى مەقسىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش، توقۇنۇشۇش، ئۇرۇشۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ جىددىي ئېھتىياجىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، خەلقئارا توقۇنۇشنىڭ تۈپ مەنبەسىنى تۈگىتىش، خەلقئارا خەۋپسىزلىك خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇش، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى يېڭى يۆنىلىش بىلەن تەمىنلەش بولۇپ، كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئورتاق قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ.


  لى جەنشۇ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش قاتارلىق مەسىلىلەردە كەڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە. مۇرەككەپ، كەسكىن خەلقئارا ۋە رايون خەۋپسىزلىكى ۋەزىيىتى ئالدىدا، جۇڭگو تەرەپ كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ.


  لى جەنشۇ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۆزگىچە رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق رايون خەۋپسىزلىكى تەشكىلاتى ۋە مېخانىزمىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قويۇپ بېرىپ، ئۆز رايونى ۋە پۈتۈن دۇنيانى تېخىمۇ تىنچ، تېخىمۇ بىخەتەر، تېخىمۇ گۈللەنگەن قىلىشنى خالايدۇ.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر



  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ