مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

مۇقىم ئاشۇرۇش، بازار سۇبيېكتىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىشنى مەخسۇس نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، توسۇق نۇقتىلارنى راۋانلاشتۇرۇش، يانداش سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، سىياسەت ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش تەلەپ قىلىندى؛ تاشقى سودىنى يەنىمۇ مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش تەدبىرلىرى ۋە سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى

2022.06.09 22:56 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 6-ئاينىڭ 8-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا مۇقىم ئاشۇرۇش، بازار سۇبيېكتىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىشىنى مەخسۇس تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، توسۇق نۇقتىلارنى ئېچىپ، يۈرۈشلەشتۈرۈشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسەت ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش تەلەپ قىلىندى؛ تاشقى سودىنى يەنىمۇ مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش تەدبىرلىرى ۋە سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېقىندا گوۋۇيۈەن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، 12 ئۆلكىنىڭ مۇقىم ئېشىش، بازار سۇبيېكتىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىشىنى مەخسۇس تەكشۈردى. تەكشۈرۈش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، جايلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا بېكىتىلگەن سىياسەتلەرنى تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللانغان، كۆپ ساندىكى جايلار يانداش تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىقتىسادنىڭ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ئامىللارنى كۆپەيتكەن، بازار ئىشەنچىنى ئاشۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بەزى جايلاردا سىياسەتنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك، خىزمەتنى ئاددىيلاشتۇرۇپ «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش»، قالايمىقان ھەق ئېلىش، قالايمىقان جەرىمانە قويۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ساقلانغانلىقى بايقالدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش بېسىمى يەنىلا گەۋدىلىك. ھەرقايسى جايلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاپ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ بەخت-سائادىتىگە كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، «ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ» دەيدىغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش سىياسىتىنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سىياسەت ئۈنۈمىنى قويۇپ بېرىپ، 2-پەسىلدە ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشى، ئىقتىسادنىڭ چوڭ يۈزلىنىشىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بىرىنچى، چىڭ تۇتۇپ تۈزىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش لازىم. گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى تەكشۈرۈشتە بايقالغان مەسىلىلەرنى جايلار ۋە تارماقلارغا ئىنكاس قىلىپ، تىپىك مەسىلىلەرنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەر بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بىلىپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى رەتلەپ، تېزدىن جايىدا تۈزىتىشى كېرەك. گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى تۈزىتىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشى ھەم «ئالاقە تورى + نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش»تىن پايدىلىنىپ سىياسەتنى سىجىل ئىز قوغلاپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. بۇ قېتىمقى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمىگەن ئۆلكىلەرگە قارىتا، گوۋۇيۈەننىڭ يىللىق چوڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشىگە بىرلەشتۈرۈپ مۇقىم ئاشۇرۇش، مۇقىم بازار سۇبيېكتىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش كېرەك.

  ئىككىنچى، جايلار ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك. دىققەتنى بازار سۇبيېكتىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسەت جەھەتتىن قوللاشنى كۈچەيتىش لازىم. يازلىق ئاشلىقنى ئامبارغا كىرگۈزۈش ۋە يازلىق تېرىلغۇنىڭ ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، كۆمۈر، توك بىلەن مۇقىم تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، مال باھاسىنىڭ مۇقىملىقىغا تىرەك بولۇش كېرەك. قاتناش ئەشيا ئوبوروتىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرسىمۇ مەھسۇلات مىقدارى ئۆلچەمگە يەتمەسلىك، كەسىپ زەنجىرى ئەسلىگە كەلتۈرۈلسىمۇ ماسلاشماسلىق مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. بازار ئىشەنچىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە پايدىسىز سىياسەت ۋە باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى تازىلاش لازىم.

  ئۈچىنچى، سىياسەت-تەدبىرلەرنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم. ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار تەدبىرلەرگە قارىتا، جايلار يانداش سىياسەتلەرنى چىقارمىغانلىرى، تارماقلار يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى چىقارمىغانلىرى تېزدىن چىقىرىشى كېرەك. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە ئالاقىدار تەرەپلەر ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر-تەكلىپلەرنى تارماقلار ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، سىياسەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: سىرتقا ئېچىۋېتىش دۆلىتىمىزنىڭ تۈپ دۆلەت سىياسىتى، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش ئىقتىسادىي ئومۇمىيەتكە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىش كېرەك. تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش كېرەك. بىرىنچى، ھەر دەرىجىلىك تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق مېخانىزملارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تاشقى سودا، تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مەھسۇلات كۆزلىمە نىشانىغا يېتىش، تۈر قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى قىيىنچىلىقىنى ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىش كېرەك. يەرلىكنىڭ تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش تەدبىرلىرىدە يېڭىلىق يارىتىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش لازىم.

  ئىككىنچى، تاشقى سودىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. ئېكسپورت بېجىنى قايتۇرۇش ئىناۋىتى ياخشى كارخانىلارغا قارىتا، ئۈچ خىزمەت كۈنى ئىچىدە باسقۇچ خاراكتېرلىك باج قايتۇرۇشنى نەقلەشتۈرۈپ، ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات ئىمپورتىنى كېڭەيتىپ، پورتتا قاچىلاش-چۈشۈرۈش، يۆتكەپ توشۇش ۋە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى تېز ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك. پورتقا ئالاقىدار ھەق ئېلىشنى باسقۇچلۇق كەچۈرۈم قىلىشنى تەتقىق قىلىش كېرەك. «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» قاتارلىق ئەركىن سودا كېلىشىمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئەركىن سودا سىناق رايونى قاتارلىقلارنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. چەت ئەلدىكى كارخانىلارنىڭ ئەقلىي ئەشيا ئوبوروت سۇپىسى قۇرۇشىنى قوللاش لازىم.

  ئۈچىنچى، چەت ئەل سودىگەرلىرىنى مەبلەغ سېلىشقا پائال جەلپ قىلىش لازىم. بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت-سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، كارخانىلارنىڭ كۆزلىمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. سالمىقى تېخىمۇ زور بولغان پىششىقلاپ ئىشلەش سودىسىنى پەلەمپەيسىمان يۆتكەشنى قوللاش سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇش لازىم. ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان ياسىمىچىلىققا ئىلھام بېرىش تۈرى مۇندەرىجىسىنى كېڭەيتىش لازىم. تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىغا مۇلازىمەت قىلىش مەخسۇس بەنىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرى بىلەن دائىملىق ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، مۇۋاپىق ئېھتىياجنى قوللاش كېرەك.

  يىغىندا باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ