مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ جۇڭگو بالىلار مەركىزى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەپ مۇنداق تەكىتلىدى

​شەرەپلىك ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك​

«1 - ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمى يېتىپ كەلگەن پەيتتە پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئۆسمۈرلەر، بالىلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى

2022.06.02 15:46 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  تەبرىك خېتى

  جۇڭگو بالىلار مەركىزى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى پەيتىدە، مەن قىزغىن تەبرىكلەيدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن!

  40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بالىلار مەركىزى پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى چىڭ ساقلاپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەڭ بالىلارغا مۇلازىمەت قىلىپ، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇپ كەلدى. سىلەرنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كەڭ بالىلار خىزمەتچىلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى يول باشلىغۇچىلاردىن، بالىلار ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدىغۇچىلاردىن، بالىلارنىڭ كەلگۈسى ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرغۇچىلاردىن بولۇپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  «1 - ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئۆسمۈرلەر، بالىلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن، كىچىك دوستلارنىڭ ئۆگىنىشتە ئىلگىرىلىشىگە، خۇشال - خۇرام ياشىشىغا، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن!

  شى جىنپىڭ

  2022 - يىلى 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى

  جۇڭگو بالىلار مەركىزى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، قىزغىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەم «1 - ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئۆسمۈرلەر، بالىلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى، كىچىك دوستلارنىڭ ئۆگىنىشتە ئىلگىرىلىشىگە، خۇشال - خۇرام ياشىشىغا، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بالىلار مەركىزى پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەت - بۇرچىنى چىڭ ساقلاپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەڭ بالىلارغا مۇلازىمەت قىلىپ، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇپ كەلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: سىلەرنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كەڭ بالىلار خىزمەتچىلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى يول باشلىغۇچىلاردىن، بالىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدىغۇچىلاردىن، بالىلارنىڭ كەلگۈسى ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرغۇچىلاردىن بولۇپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  جۇڭگو بالىلار مەركىزى 1982 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىن قۇرۇلغان دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى دۆلەت دەرىجىلىك مەكتەپ سىرتىدىكى ئوقۇتۇش ۋە بالىلار تەرەققىياتى تەتقىقات ئاپپاراتى ھېسابلىنىدۇ. 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بالىلار مەركىزىنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، جەمئىي نەچچە يۈز مىليون ئۆسمۈر ۋە بالا مۇشۇ مەركەز تەشكىللەپ قانات يايدۇرغان تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ