مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەن جېڭ لياۋنىڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك
يەنىمۇ غەيرەتكە كېلىپ شەرقىي شىمال كونا سانائەت بازىسىنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك

2022.06.09 13:49 مەنبە: خەلق تورى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى 7-ئىيۇن شېنياڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ 5-ئىيۇندىن 6-ئىيۇنغىچە لياۋنىڭنىڭ شېنياڭ، داليەندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. خەن جېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، يەنىمۇ غەيرەتكە كېلىپ شەرقىي شىمال كونا سانائەت بازىسىنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك.


  خەن جېڭ شېنياڭ چوڭ تىپتىكى مەدەنىيەت مەيدانىغا كېلىپ، كۆرگەزمە تاختىسىغا بىرلەشتۈرۈپ شېنياڭ شەھىرىنىڭ شەھەرنى يېڭىلاش ئومۇمىي ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى، 1905مەدەنىيەت ئىجادىيەت باغچىسىغا كىرىپ، ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تەكشۈردى؛ ياپونىيە ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى (داليەن) چەكلىك شىركىتىگە بېرىپ، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: لياۋنىڭنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەرقىي شىمال، لياۋنىڭنى گۈللەندۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولغان، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ. شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى ياخشى بولغان قانۇنچىللىق مۇھىتى يارىتىپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، دۆلەت مۈلكىنىڭ ياشلىق باھارى، چەت ئەل مەبلىغى ۋە خەلق مەبلىغىنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتۇر. ئىختىساسلىقلارغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىختىساسلىقلارنى توپلاپ، ئىختىساسلىقلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشى ئۈچۈن كۆپ خىل سۇپا ھازىرلاپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، شەھەرنى يېڭىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تارىخىي مەدەنىيەتنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن مۇلازىمەت قىلىپ، شەھەرنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش كېرەك. يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، يۇقۇمنى تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى يۇقىرى ئۈنۈمدە بىر تۇتاش پىلانلاپ، ماكرولۇق ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇشقا پائال تۆھپە قوشۇش كېرەك.


  خەن جېڭ شېنياڭ شامالدۇرغۇچ گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى، داليەن خۇارۈي ئېغىر سانائەت گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى، داليەن بىڭشەن گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، داليەن تاۋار سودا ئورنىغا بېرىپ، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، كارخانا ئىسلاھاتى تەرەققىياتى، تېخنىكا تەتقىقاتى، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈردى. خەن جېڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئۈسكۈنە ياسىمىچىلىقى دۆلەتنىڭ مۇھىم قورالى، سانائەتنىڭ ئاساسىنى كۈچەيتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، لياۋنىڭنىڭ ئەنئەنىۋى ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئۈسكۈنە ياسىمىچىلىقىنى زورايتىش، كۈچەيتىش كېرەك. ئارىلاشما مۈلۈكچىلىك ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پاي ھوقۇقى ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈش قاتارلىق تۈزۈم لايىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە، ئاشلىق، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك. زاكاز مال بازىرىنى يۇقىرى سۈپەتتە قۇرۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، كۆپ مىقدارلىق تاۋارلارنىڭ تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش، باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.


  خەن جېڭ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى داليەن خىمىيە- فىزىكا تەتقىقات ئورنى، توجىڭ پەن ـ تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى، داليەن رۇڭكې زاپاس ئېنېرگىيە تېخنىكىسى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى قاتارلىقلارغا كېلىپ، پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش، تېخنىكا تەتقىقاتى ۋە كەسىپلەشتۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى چوڭقۇر ئىگىلىدى. خەن جېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتلىق ئورنىنى كۈچەيتىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەدە پەن ـ تېخنىكىدا مۇستەقىل بولۇش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئاساسىي تەتقىقات ۋە ئەمەلىي تەتقىقاتنىڭ ئىچكى قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، ئاساسىي تەتقىقات سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرىنى باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئۆگىنىش، تەتقىقاتنى بىرلەشتۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرىنىڭ يۆتكىلىشى، ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپلەرنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى ئۈزلۈكسىز بەرپا قىلىش كېرەك.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ