مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

  «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ​

ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلىشىشنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك

2022.06.02 10:37 مەنبە: خەلق تورى

  6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 11 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلىشىشنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.


  ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز پارتىيەنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن ۋەزىيەت خىزمىتىدە گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، بىر قاتار مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلىپ، تۈپ خاراكتېرلىك، ئىجادىي خاراكتېرلىك، ئۇزاق مۇددەتلىك بىر قاتار خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردۇق، ئىرادىنىڭ زورلۇقى، سالماقنىڭ زورلۇقى، نەتىجىنىڭ زورلۇقى مىسلىسىز بولدى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا تونۇشتىن تارتىپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكىچە تارىخىي خاراكتېرلىك، بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بارلىققا كەلدى.


  ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىيات دىيالېكتىك بىرلىككە كەلگەن بولۇپ، بىر - بىرىنى تولۇقلايدۇ، بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما تەرەققىياتقا تۈرتكە بولغاندا، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپلا قالماي، يەنە تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تېخىمۇ بىخەتەر تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىي قىلغان، تۇرمۇش باياشات، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان مەدەنىيلىك تەرەققىيات يولىدا ماڭغىلى بولىدۇ.


  ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى بەرپا قىلىشى نۇرغۇن مۇھىم ئالاھىدىلىككە ئىگە، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى شۇكى، دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشى ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلىشىش بولۇپ، ماددىي مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىشقا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى پىلانلاپ، بايلىق تېجەش ۋە مۇھىت قوغداشتىن ئىبارەت ئاساسىي دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، تەبىئىي ئەسلىگە كېلىشنى ئاساس قىلىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، بايلىق تېجەيدىغان ۋە مۇھىت قوغدايدىغان بوشلۇق ئەندىزىسى، كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئىشلەپچىقىرىش شەكلى، تۇرمۇش شەكلىنى شەكىللەندۈرۈپ، بۇلغىنىشنى تۈزەش، ئېكولوگىيەنى قوغداش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى سىجىل ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلىشىشنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك.


  ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: بىرىنچى، قەتئىي بوشاشماي يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىسى تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، تەرەققىيات شەكلى ۋە تۇرمۇش شەكلى مەسىلىسىدۇر. يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما تەرەققىيات ئىقتىساد سىستېمىسىنى ئورنىتىش ۋە تاكامۇللاشتۇرۇش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىدىكى ئاساسىي تەدبىر. ئىككىنچى، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى چوڭقۇر ياخشى قىلىش كېرەك. پۇقرالارنىڭ ئەتراپىدىكى گەۋدىلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك ھەل قىلىپ، پۇقرالارغا ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچى، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ سۈپىتى ۋە مۇقىملىقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. بۇ، ھەم ئەلا سۈپەتلىك ئېكولوگىيەلىك مەھسۇلات تەمىناتىنى كۆپەيتىشتىكى مۇقەررەر تەلەپ، شۇنداقلا كىلىمات ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن پايدىسىز تەسىرنى ئازايتىش ۋە ئۇنىڭغا ماسلىشىشتىكى مۇھىم ۋاسىتە. تۆتىنچى، يەرشارىۋى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا پائال تۈرتكە بولۇش كېرەك. بىز ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يەرشارىۋى مۇھىتنى تۈزەشكە پائال قاتنىشىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، دېڭىز - ئوكيان بۇلغىنىشىنى تۈزەش، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش قاتارلىق ساھەلەردە خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتلىك ئوبرازىنى نامايان قىلىشىمىز كېرەك. بەشىنچى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ساھەسى بويىچە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىدىغان، كارخانا سۇبيېكت بولغان، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى ۋە ئاۋام ئورتاق قاتنىشىدىغان زامانىۋى مۇھىت تۈزەش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ پىلانلاش، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىش، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ باھالاش تۈزۈم مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش كېرەك.


  ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى قەلبىگە پۈكۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، بۇيرۇق - تەلەپنى جەزمەن ئىجرا قىلىشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ