مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى جەنشۇ شاۋقۇندىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنىنى يولغا قويۇش سۆھبەت يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل مۇھىتقا بولغان يېڭى ئارزۇسىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، قانۇن-تۈزۈمنى تىنچ مۇھىتنىڭ قوغدىغۇچىسىغا ئايلاندۇرۇش لازىم

2022.05.28 20:27 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 27-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا شاۋقۇندىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنىنى يولغا قويۇش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «تەبىئەتنى تىنچ، ئىناق، گۈزەل قىلىش» مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشىگە پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل مۇھىتقا بولغان يېڭى تەلىپى، يېڭى ئۈمىدىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، قانۇن-تۈزۈمنى تىنچ مۇھىتنىڭ قوغدىغۇچىسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قانۇننى يولغا قويۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئېلىپ، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇشنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇپ، مەركەزنى چۆرىدەش، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش، ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش ۋە نىزامنى ئېنىقلاش خىزمىتىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە ئىشلەپ، قانۇننى يولغا قويۇش داۋامىدا ساقلانغان مەسىلىلەر، قانۇن-نىزاملار بىردەك بولماسلىق، ماسلاشماسلىق، ھەتتا ئۆزئارا «زىت بولۇش» مەسىلىلىرىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا چوڭقۇر تۈرتكە بولدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىنى نازارەت قىلىش ۋە كاپالەتلەندۈرۈشتە مۇھىم مەسئۇلىيىتى بار. ئاساسىي قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، قانۇن-تۈزۈمنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە ئومۇمىي جەھەتتىن تۈرتكە بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنىڭ مۇكەممەللىكى، بىرلىكى، ماسلىقى ۋە راۋانلىقىنى قوغداش كېرەك.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شاۋقۇندىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مۇھىم خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى، خەلق ئاممىسى قانۇننى يولغا قويۇش ئۈنۈمىدىن زور ئۈمىد كۈتمەكتە. قانۇندىكى يېڭى تۈزۈم، يېڭى بەلگىلىمە، يېڭى تەلەپلەرنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇشنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇپ، «قەغەز يۈزىدىكى قانۇن»نى ھەقىقىي تۈردە «ھەرىكەتتىكى قانۇن»غا ئايلاندۇرۇپ، ئۇنى شاۋقۇندىن مۇداپىئەلىنىش، شاۋقۇننى تۆۋەنلىتىش، شاۋقۇننى تىزگىنلەشتىكى كۈچلۈك قورالغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە ئالاقىدار تارماقلار قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتى ۋە قانۇن جاۋابكارلىقىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ماددا-تارماقلارنى بىر-بىرلەپ سېلىشتۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇن-تۈزۈمنىڭ يېتەكلەش، قېلىپلاشتۇرۇش، كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. ئالاقىدار ئۆلچەم سىستېمىسى ۋە يانداش قانۇن-نىزاملارنى چىڭ تۇتۇپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالاقىدار ئۆلچەملەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يانداش قائىدە ۋە قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى تۈزۈپ ۋە تۈزىتىپ، ئالاقىدار يەرلىك قانۇن-نىزاملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەم خەلقئارادىكى شاۋقۇندىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە دائىر بەزى ئەسقاتىدىغان تەدبىر-چارىلەرنى ئۆرنەك قىلىش كېرەك. پۈتۈن جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە ئورتاق قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، تىنچ، ئىناق بولغان گۈزەل تۇرالغۇ مۇھىتى بەرپا قىلىشنىڭ بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. شاۋقۇندىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنىنىڭ قوبۇل قىلىش دائىرىسى كەڭ، كەسىپچانلىقى كۈچلۈك، قانۇننى تەشۋىق قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قانۇن ماددىلىرىنى ئىمكانقەدەر ئاممىباب، چۈشىنىشلىك تىل بىلەن چۈشەندۈرۈپ، جانلىق، كونكرېت دېلو مىساللىرى ئارقىلىق بەلگىلىمىنى شەرھلەپ، ھەممە ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى بار، ھەممە ئادەم قاتنىشىدىغان، ھەممە ئادەم مەنپەئەتلىنىدىغان شاۋقۇندىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنى تىنچ ماكاندىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىش كېرەك.

  شاۋقۇندىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى 2021-يىلى 12-ئايدا ماقۇللاندى، بۇ يىل 6-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شېن يۆيۆ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقى دىڭ جۇڭلى يىغىنغا قاتناشتى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ۋە بېيجىڭ شەھىرى چاۋياڭ رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى، مۇتەخەسسىس، ئالىملار سۆھبەت يىغىنىدا سۆز قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ