مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۇەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى بىر قاتار تەدبىرلەرنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئىزىغا چۈشۈشىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2022.05.24 14:38 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا، زۇڭلىسى لى كېچياڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى بىر قاتار تەدبىرلەر يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئىزىغا چۈشۈپ، مۇۋاپىق دائىرىدە يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىندى.


  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتە ئىقتىسادنىڭ پەسىيىش بېسىمى داۋاملىق زورىيىۋاتىدۇ، نۇرغۇن بازار سۇبيېكتلىرى ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا تۇرۇۋاتىدۇ. تەرەققىيات دۆلىتىمىزدىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى ۋە ئاچقۇچى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، كەسكىن تاقابىل تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى يۇقىرى ئۈنۈمدە بىر تۇتاش پىلانلاپ، مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە «ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتى» دا بېكىتىلگەن سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ ھەم يولغا قويۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئومۇمىي پىكىر يولى ۋە سىياسەت يۆنىلىشىگە ئاساسەن بىر تۈركۈم قاراتمىلىقى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك بولغان رايونلار ئارا تەڭشەش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئىقتىسادنىڭ ئاساسىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك.


  يىغىندا ئالتە جەھەتتىكى 33 تۈرلۈك تەدبىرنى يولغا قويۇش قارار قىلىندى، بۇ ئاساسلىقى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرىنچى، مالىيە ۋە مالىيەگە ئالاقىدار سىياسەتلەر. بازار سۇبيېكتىنى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. تېخىمۇ كۆپ ساھەلەردە ساقلانما مىقدار ۋە ئاشۇرۇلما مىقداردىن تۇتۇپ قالغان باجنى تولۇقى بىلەن قايتۇرۇپ بېرىش يولغا قۇيۇلۇپ، 140 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق باج قايتۇرۇلىدۇ، پۈتۈن يىلدا 2 تىرىليون 640 مىليارد يۈەن باج قايتۇرۇلىدۇ ۋە كېمەيتىلىدۇ. ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار، يەككە سودا ـ سانائەتچىلەر ۋە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار بەش ساھەنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى قاتارلىق ئۈچ تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش سىياسىتى يىل ئاخىرىغىچە ئۇزارتىلىدۇ ھەمدە باشقا ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ساھەلەرگىمۇ كېڭەيتىلىپ، بۇ يىل 320 مىليارد يۈەن كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش مۆلچەرلەنمەكتە. ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى بويىچە ئىشچىلارنى تەربىيىلەش ياردەم پۇلى بارلىق قىيىنچىلىقى بار سۇغۇرتىغا قاتناشقان كارخانىلارغىچە كېڭەيتىلىدۇ. ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنى قوبۇل قىلسا، ئىش ئورنىنى كېڭەيتىش ياردەم پۇلى قاتارلىق جەھەتلەردە قوللاشقا ئېرىشىدۇ. جايلار كىچىك، مىكرو كارخانىلار، يەككە سودا-سانائەتچىلەرگە سۇ، توك، گاز پۇلى، ئۆي ئىجارىسى قاتارلىق جەھەتلەردە ياردەم بېرىشى كېرەك. بۇ يىللىق مەخسۇس قەرز 8-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئاساسىي جەھەتتىن نەقلەشتۈرۈلىدۇ، قوللاش دائىرىسى يېڭىچە ئۇل ئەسلىھەلەرگىچە كېڭەيتىلىدۇ. دۆلەت مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك فوندىنىڭ قايتا كېپىللىك ھەمكارلىق كەسپى يېڭىدىن بىر تىرىليون يۈەندىن كۆپرەككە ئاشۇرۇلىدۇ. ئىككىنچى، پۇل مۇئامىلە سىياسىتى.


  بۇ يىل ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىقتىكى كىچىك، مىكرو كارخانىلارنى قەرز بىلەن قوللاش نورمىسى ۋە قوللاش نىسبىتى بىر ھەسسە ئاشۇرۇلىدۇ. ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ قەرز پۇلى، يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ قەرز پۇلى، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان شەخسلەرنىڭ ئۆي قەرزى پۇلىغا قارىتا، بانكىلار شۇ يىل ئىچىدە قەرزنىڭ دىرىنى ۋە ئۆسۈمىنى كېچىكىپ قايتۇرۇشىنى قوللاش كېرەك؛ ئاپتوموبىللارغا مەركەز كارخانىلىرى تارقاتقان 90 مىليارد يۈەنلىك سودا يۈك ئاپتوموبىلى قەرز پۇلىنى بانكا بىلەن كارخانىلار بىرلىشىپ دىرى ۋە ئۆسۈمىنى يېرىم يىل كېچىكتۈرۈپ قايتۇرۇش كېرەك. سودا پېرېۋوت چېكىنى ئېتىراپلىق چىقىم قىلىش مۇددىتى بىر يىلدىن ئالتە ئايغا قىسقارتىلىدۇ. سۇپا كارخانىلىرىنى قانۇن - بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن ھالدا چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدا پاي چېكىنى بازارغا سېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش. ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىشنى يۈكسەلدۈرۈش سىياسىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، «ئاق تىزىملىك»تىكى كارخانىلارغا قارىتىلغان مۇلازىمەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يۈك تىرانسپورتىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقۇم ئەھۋالى تۆۋەن بولغان رايونلاردا يول يۈرۈشكە قويۇلغان چەكلىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، مۇۋاپىق بولمىغان چەك يۇقىرى بولۇش بەلگىلىمىسى ۋە ھەق ئېلىشنى بىردەك ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك. يولۇچى ۋە يۈك تىرانسپورت شوپۇرلىرى باشقا جايدا خېسۈەن تەكشۈرگەندە، ھەقسىز سىياسەتتىن ئوخشاش بەھرىمەن بولىدۇ. خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش قەرز پۇلىنى 150 مىليارد يۈەن كۆپەيتىپ، ئاۋىياتسىيە كەسپىنىڭ 200 مىليارد يۈەن زايوم تارقىتىشىغا مەدەت بېرىش كېرەك. دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا يولۇچىلار تىرانسپورت نۆۋەتچى ئايروپىلانىنى تەرتىپلىك كۆپەيتىش، چەت ئەل كارخانىلىرىدىكى خادىملارنىڭ بېرىش-كېلىشىگە قولايلىق يارىتىش تەدبىرلىرىنى تۈزۈش كېرەك. تۆتىنچى، ئىستېمال ۋە ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش. ماشىنا سېتىۋېلىشقا قويۇلغان چەكنى بوشاشتۇرۇپ، بىر قىسىم يولۇچىلار ئاپتوموبىلى سېتىۋېلىش بېجىدىن 60 مىليارد يۈەن باسقۇچلۇق كېمەيتىپ ئېلىنىدۇ. شەھەر ئەھۋالىغا قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، تۇرالغۇ ئۆي ئېھتىياجىنى قوللاش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى ئەلالاشتۇرۇپ، يېڭىدىن بىر تۈركۈم سۇچىلىق، بولۇپمۇ چوڭ تىپتىكى سۇ باشلاپ سۇغىرىش، قاتناش، كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش، يەر ئاستى ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا كارىدورى قاتارلىق تۈرلەردە ئىش باشلاپ، بانكىنى كۆلەملەشكەن ئۇزاق مۇددەتلىك قەرز پۇل بىلەن تەمىنلەشكە يېتەكلەش كېرەك. يېڭى بىر نۆۋەتلىك يېزا تاشيول قۇرۇلۇشىنى ئۆزگەرتىشىنى باشلاپ، 300 مىليارد يۈەنلىك تۆمۈريول قۇرۇلۇشى زايومى تارقىتىشقا مەدەت بېرىش كېرەك. ئىش تېپىپ بېرىش ئارقىلىق قۇتقۇزۇش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. بەشىنچى، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يەرلىكنىڭ كۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆمۈر كانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش سىياسىتىنى تەڭشەپ، كۆمۈر كانلارنىڭ تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش رەسمىيىتىنى تېزدىن بېجىرىش كېرەك. يەنە بىر تۈركۈم سۇ ئېلېكتىر، ئوت ئېلېكتىر قاتارلىق ئېنېرگىيە تۈرلىرىدە ئىش باشلاش كېرەك. ئالتىنچى، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىشسىزلىق كاپالىتى، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ۋە قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش ۋە كاپالەت ئۆلچىمىنى مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە باغلاش ھەمتۈرتكە مېخانىزمىنى ئەھۋالغا قاراپ ۋاقتىدا يولغا قويۇش كېرەك.


  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: جايلار، تارماقلار تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار بىر قاتار تەدبىرلەرنى تېزدىن تۈرمۇتۈر ئىنچىكىلەشتۈرۈپ يولغا قويۇشى كېرەك. گوۋۇيۈەن يەرلىكنىڭ ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈدۇ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر يەرلىكنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش سىياسىتىنى چىڭ تۇتۇپ يولغا قويۇشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ