مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكى قەھرىمان نەمۇنىچىلار، خىزمەت كۆرسەتكەن كوللېكتىپلارنى تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى

​لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

2022.05.27 10:06 مەنبە: خەلق تورى

  5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ قاتارلىقلار بېيجىڭ خەلق سارىيىدا مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكى قەھرىمان نەمۇنىچىلار، خىزمەت كۆرسەتكەن كوللېكتىپلارنى تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى


  مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكى قەھرىمان نەمۇنىچىلار، خىزمەت كۆرسەتكەن كوللېكتىپلارنى تەقدىرلەش يىغىنى 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى، ئۇلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىلىرى، ياردەمچى ساقچىلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى.


  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.


  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن 30مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىغا كەلدى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. شى جىنپىڭ قاتارلىقلار ۋەكىللەرگە قول ئىشارىسى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى، كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى ھەم سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.


  گو شېڭكۇن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم تەقدىرلەش يىغىنىدا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: پۈتۈن مەملىكەتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەگە سادىق بولۇش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىش، ئىنتىزامدا قاتتىق بولۇش ئومۇمىي تەلىپىنى سادىقلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، قەھرىمان نەمۇنىچىلارنىڭ روھىدىن ئۆگىنىپ، ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.


  يىغىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مەملىكەت بويىچە نەمۇنىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورۇنلىرىنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارارى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مەملىكەت بويىچە ئالاھىدە دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر خەلق ساقچىلىرىنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارارى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكى مۇنەۋۋەر ئورۇن، مۇنەۋۋەر خەلق ساقچىلىرى ۋە مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىدىكى خەلقنى سۆيۈش نەمۇنىچىلىرىنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى بۇيرۇقى ئوقۇپ ئۆتۈلدى ھەم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كوللېكتىپ ۋە شەخسلەر ۋەكىللىرىگە مۇكاپات تارقىتىپ بېرىلدى. مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكى 982 ئىلغار ئورۇن، 1485 ئىلغار شەخس تەقدىرلەندى. مەملىكەت بويىچە نەمۇنىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورۇنلىرىنىڭ ۋەكىلى، بېيجىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى فاڭشەن شۆبە ئىدارىسى بېيجىڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى دوۋديەن جامائەت خەۋپسىزلىكى تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى جاڭ كۇ، مەملىكەت بويىچە ئالاھىدە دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر خەلق ساقچىلىرى ۋەكىلى، فۇجيەن ئۆلكىسى فۇجوۋ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا تارماق ئەترىتى 6 - چوڭ ئەترىتىنىڭ چوڭ ئەترەت باشلىقى گاۋ جەن يىغىندا سۆز قىلدى.


  دىڭ شۆشياڭ، چېن شى، شياۋ جيې كۆرۈشۈشكە قاتناشتى، جاۋ كېجى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ