مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ مەملىكەتلىك ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، بازار سۇبيېكتلىرىغا، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

خەن جېڭ رىياسەتچىلىك قىلدى

2022.05.26 22:43 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاينىڭ 25-كۈنى، گوۋۇيۈەن مەملىكەتلىك ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى ئاچتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم سۆز قىلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىلىرىدىن سۈن چۈنلەن، خۇ چۈنخۇا، ليۇ خې، دۆلەت كومىسسارلىرىدىن ۋېي فېڭخې، ۋاڭ يۇڭ، شياۋ جيې، جاۋ كېجى يىغىنغا قاتناشتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەرقايسى تەرەپلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، قىيىنچىلىق، خىرىسلار، بولۇپمۇ كۆزلىمىدىن ئېشىپ كەتكەن ئامىللارنىڭ زەربىسىگە كۈچلۈك تاقابىل تۇرۇپ، نۇرغۇن ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. لېكىن 3-ئايدىن بۇيان، بولۇپمۇ 4-ئايدىن بۇيان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى، توك ئىشلىتىش، يۈك توشۇش قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەر كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ، قىيىنچىلىق بەزى جەھەتلەردە ۋە مەلۇم دەرىجىدە 2020-يىلىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئېغىر زەربىسىدىنمۇ ئېغىر بولدى. تەرەققىيات دۆلىتىمىزدىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى ۋە ئاچقۇچى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش مالىيە كۈچى، ماددىي كۈچ كاپالىتىگە موھتاج، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ھەممىسى تەرەققىياتنىڭ تىرەك بولۇشىغا موھتاج. ھازىر پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادنىڭ يۈزلىنىشىنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق پەيتتە تۇرۇۋاتىمىز، چوقۇم ۋاقىت كۆزنىكىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ نورمال ئىزىغا چۈشۈشىگە تىرىشىپ تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، بازار سۇبيېكتىغا كۈچەپ كاپالەتلىك قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېلاستىكلىقىنى قوغداپ، 2-پەسىلدە ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشى ۋە ئىشسىزلىق نىسبىتىنى تېزدىن تۆۋەنلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشىپ ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى مۇۋاپىق دائىرىدە ساقلاش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ۋەزىيەت ئالدىدا مەسئۇلىيىتى بار، تېخىمۇ كۈچلۈك تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بولۇشى، مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا بېكىتىلگەن سىياسەت-تەدبىرلەرنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئاساسىي جەھەتتىن يولغا قويۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. يولغا قويۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىدا ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر ئالتە جەھەتتىكى 33 تۈرلۈك سىياسەت-تەدبىرنى 5-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن يولغا قويۇشقا بولىدىغان يولغا قويۇش تەپسىلىي پىرىنسىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تولۇق ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك. «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى چارىسى ئارقىلىق سىياسەتنى يولغا قويۇش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يولغا قويۇش ئەھۋالىنى يېقىندىن ئىز قوغلاپ، مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى ۋاقتىدا مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسەتتىن مەنپەئەتلىنىدىغان سۇبيېكتلاردىن بىرسىنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماسلىق، بىر ئادەمنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماسلىق، ئېنىق چۈشىنىش ۋە بەھرىمەن قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق بەھرىمەن قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىز باستۇرۇپ سۇغارماسلىقنى قەتئىي داۋاملاشتۇردۇق، ماكرولۇق سىياسەتتە يەنىلا بوشلۇق بار، سىياسەت زاپىسىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ ئاكتىپلىقىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. يەرلىك بىر تەرەپنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بىر تەرەپكە بەخت يارىتىشتەك ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغان بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك. ئىككى قىيىن، كۆپ قىيىن مەسىلىلەرنى ئۈزلۈكسىز ھەل قىلىش ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەمۇرىي ئىقتىدارىنى سىنايدىغان سىناق. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، يەككە زەربە بېرىش، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئىجادىي خىزمەت قىلىپ، ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ سىياسەت يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش-يۆلەش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىش ئورنىنى كېڭەيتىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى تولۇق چىقىرىش كېرەك. دۆلەت كارخانىلىرى، پۇقراۋى كارخانىلار، چەت ئەل كارخانىلىرى قاتارلىق تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ، بازارلاشتۇرۇش چارىسى، ئىسلاھات تەدبىرى ئارقىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئەشيا ئوبوروتى ۋە كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن ئېقىنىنى جىپسىلاشتۇرۇش توسۇق نۇقتىسىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، مەھسۇلات كۆزلىمە نىشانىغا يېتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىغا پۇختا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش قاتارلىق مەبلەغلەرنى ئاممىنىڭ قولىغا ۋاقتىدا تارقىتىپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كەتمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  گوۋۇيۈەن 5-ئاينىڭ 26-كۈنى 12 ئۆلكىگە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە يۈرۈشلەشتۈرۈشنى مەخسۇس تەكشۈرىدۇ. جايلارنىڭ 2-پەسىللىك ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلىرىنى دۆلەتنىڭ ئىستاتىستىكا تارماقلىرى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا ئۆلكىلەرگە بۆلۈپ ئېلان قىلىدۇ، گوۋۇيۈەن ئالاقىدار خىزمەت ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جايلار، تارماقلار راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ئارقىلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈشى كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ سىلىق، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، خەلق بانكىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى سۆز قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ