مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سىياسىي پارتىيەلىرى، ئاقىللار ئامبىرى ۋە ئەلئارا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2022.05.23 10:29 مەنبە: خەلق تورى

  5 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سىياسىي پارتىيەلىرى، ئاقىللار ئامبىرى ۋە ئەلئارا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار مۇنبىرى سىن شەكلىدە بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مۇنبەرگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.


  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، يەر شارىۋى ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشى ئاجىز، جانسىز بولۇپ، تەرەققىيات ھاڭى ئېغىرلىشىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى، رەقەملىك ئىدارە قىلىش قاتارلىق خىرىسلار كەسكىنلىشىۋاتىدۇ. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى تەسىس قىلىنىش ئەسلىي مەقسىتىنى ئۇنتۇماي، ھەمكارلىق بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىر مەقسەتتە تەڭ كۈچ چىقىرىپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ پارلاق، گۈزەل تەرەققىيات ئىستىقبالىنى ئېچىشى كېرەك. جۇڭگو كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەر شارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يەر شارىۋى تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.


  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي پارتىيەلىرى، ئاقىللار ئامبىرى ۋە ئەلئارا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى ئادا قىلىپ، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەر شارىۋى ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


  كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سىياسىي پارتىيەلىرى، ئاقىللار ئامبىرى ۋە ئەلئارا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار مۇنبىرىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئاقىللار ئامبىرى ھەمكارلىقىغا يېتەكچىلىك قىلىش جۇڭگو تەرەپ كېڭىشى، جۇڭگو ئەلئارا تەشكىلاتلىرى خەلقئارا ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى. جەنۇبىي ئافرىقا ئافرىقىلىقلار مىللىي مەجلىسىنىڭ رەئىسى، زۇڭتۇڭ رامافۇسا، ئارگېنتىنا ھەققانىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، زۇڭتۇڭ فېرناندېس، كامبودژا خەلق پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، ھۆكۈمەتنىڭ باش ۋەزىرى خۇڭسېن ۋە ھىندونېزىيە دېموكراتىك كۈرەش پارتىيەسىنىڭ باش رەئىسى، سابىق زۇڭتۇڭ مېگاۋاتى قاتارلىقلار سىنلىق ياكى يازما شەكىلدە مۇنبەرنى تەبرىكلىدى. ئون دۆلەتتىن كەلگەن سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ 130دىن ئارتۇق رەھبىرى، ئاقىللار ئامبىرى ۋە ئەلئارا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى توردا يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ