مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى جەنشۇ تاجىكىستان پارلامېنتى يۇقىرى پالاتاسىنىڭ باشلىقى رۇستەم ئىمامئەالى بىلەن سۆھبەتلەشتى

2022.05.18 13:57 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ۋېييۈەنجاڭى لى جەنشۇ 17-ماي بېيجىڭ «خەلق» سارىيىدا تاجىكىستان پارلامېنتى يۇقىرى پالاتاسىنىڭ باشلىقى رۇستەم ئىمامئەلى بىلەن سىنلىق سۆھبەتلەشتى.

لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ۋە زۇڭتۇڭ راخماننىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكلىشى ۋە بىۋاسىتە تۈرتكىسىدە، ئىككى دۆلەت ئالدى بىلەن تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسى ۋە خەۋپسىزلىك ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇ يىل 2- ئايدا، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، جۇڭگو-تاجىكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. جۇڭگو تاجىكىستان بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئورتاق تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.



  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يىمىرىلمەس سىياسىي ئىشەنچ ۋە قەتئىي، كۈچلۈك ئۆزئارا قوللاش جۇڭگو-تاجىكىستان مۇناسىۋىتىدىكى تارىخى ئۇزۇن، مۇستەھكەم ھەم قىممەتلىك تەجرىبە. جۇڭگو تاجىكىستاننىڭ ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلۈدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە قەتئىي قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، تاجىكىستاننىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللايدۇ. ئىككى دۆلەت ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق قۇرۇش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش بىلەن تاجىكىستاننىڭ «2030- يىلىدىن ئىلگىرىكى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى»نى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، سانائەت، يېزا ئىگىلىكى، ئېنېرگىيە، ئاساسىي قۇرۇلۇش، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى، بولۇپمۇ ياشلار ئارىسىدىكى دوستانە ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. رەئىس شى جىنپىڭ دۇنيا خەۋپسىزلىكى تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل خەۋپسىزلىك قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، قارشىلاشماي سۆھبەتلىشىش، ئىتتىپاق تۈزمەي ھەمراھ بولۇش، نۆل يىغىندىلىق ئەمەس، بەلكى ئورتاق پايدا ئېلىشتەك يېڭىچە خەۋپسىزلىك يولىنى تېپىپ چىقىش، ئىككى تەرەپ ئورتاق تىرىشىپ، خەۋپسىزلىك ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، رايون خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى قوغدىشى كېرەك، دېگەن.






  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو-تاجىكىستان قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتى قانۇن چىقىرىش فۇنكسىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆز دۆلىتىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش جەھەتتە كەڭ ئالاقە ۋە ھەمكارلىق بوشلۇقىغا ئىگە. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تاجىكىستان پارلامېنتى بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى داۋاملىق ساقلاپ، مەخسۇس كومىتېتلار، دوستلۇق گۇرۇپپىلىرى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى ئارىسىدىكى ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ؛ نامراتلارنى ئازايتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردە تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئۆزئارا مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىنى ئادىل، ھەققانىي، ئاشكارا، باراۋەر قانۇن مۇھىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك؛ كۆپ تەرەپلىك سورۇنلاردا ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلىرىگە ياخشى ئېتىبار بېرىش كېرەك.






  رۇستەم ئىمامئەلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل تاجىكىستان بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى تاجىكىستان-جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇردى. تاجىكىستان «بىر بەلباغ ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى پائال قوللايدۇ، ئىككى دۆلەت ئىقتىساد-سودا، ئادىمىيەت، يەرلىك، خەۋپسىزلىك، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردە مول نەتىجىلىك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى. تاجىكىستان پارلامېنتى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان دوستانە ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.







  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز







  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ