مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ فىلىپپىننىڭ سايلانغان زۇڭتۇڭى ماركوس بىلەن تېلېفونلاشتى

2022.05.20 09:30 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن فىلىپپىننىڭ سايلانغان زۇڭتۇڭى ماركوس بىلەن تېلېفونلاشتى.


  شى جىنپىڭ ماركوسنىڭ فىلىپپىننىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلىدى.


  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: سىز جۇڭگو ـ فىلىپپىن مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىگە بىۋاسىتە قاتناشتىڭىز، گۇۋاھ بولدىڭىز، سىز جۇڭگو ـ فىلىپپىن دوستلۇقىنىڭ قۇرغۇچىسى، قوللىغۇچىسى، تۈرتكە بولغۇچىسى. فىلىپپىندا: «كەلگەن يولنى ئۇنتۇپ قالغاندا، يىراققا يۈرگىلى بولمايدۇ» دېگەن ھېكمەتلىك سۆز بار. بىز جۇڭگو ـ فىلىپپىن دوستلۇقىغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، چوڭ ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ـ فىلىپپىن دوستلۇقىدىن ئىبارەت چوڭ ئىشنى ياخشى داۋاملاشتۇرۇپ، جۇڭگو ـ فىلىپپىن دوستانە ھەمكارلىقىنىڭ «بىر پارچە ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئاخىرغىچە سىزىپ»، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.


  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن ئالتە يىلدا، جۇڭگو ـ فىلىپپىن ئىككى تەرەپ ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇقتا چىڭ تۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئورتاق تەرەققىي قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى. ئىككى تەرەپ سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق ئىختىلاپلارنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇپ ۋە تىزگىنلەپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو ـ فىلىپپىن دوستلۇقى ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ئۇيغۇن، جۇڭگو ـ فىلىپپىن ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. جۇڭگو تەرەپ باشتىن ـ ئاخىر فىلىپپىننى ئەتراپ دىپلوماتىيەسىدە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، فىلىپپىنغا قاراتقان دوستانە سىياسىتىدە ئىزچىللىقنى، مۇقىملىقنى ساقلىدى. جۇڭگو تەرەپ فىلىپپىن تەرەپ بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇل ئەسلىھە، يېزا ئىگىلىكى، ئېنېرگىيە، مائارىپ قاتارلىق دۆلەت ئىقتىسادى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى چۆرىدەپ، دىققەتنى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ۋە يۇقۇمدىن كېيىنكى جانلاندۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھازىرغىچە بولغان ھەمكارلىقنى زورايتىپ، كۈچەيتىپ، يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈپ، قېزىپ، ئىككى دۆلەت ۋە رايون تەرەققىياتىنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئىلگىرىكىدەكلا فىلىپپىننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى پائال قوللايدۇ ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدۇ.


  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر، دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشى، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى، تارىخنىڭ ئۆزگىرىشى مىسلىسىز بولۇپ، تىنچلىق بىلەن خەۋپسىزلىك يېڭى خىرىسقا دۇچ كەلدى. جۇڭگو بىلەن فىلىپپىن ئوخشاشلا ئاسىيادىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق ئاساسىدىكى ئەتراپ مۇھىتىدا يىلتىز تارتقان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئاسىيا چوڭ ئائىلىسىدە يىلتىز تارتقان. فىلىپپىن تەرەپنىڭ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان دىپلوماتىيە سىياسىتىگە داۋاملىق ئەمەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو تەرەپ فىلىپپىن تەرەپ بىلەن مۇھىم، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، شۇ رايوننىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىش ياخشى ۋەزىيىتىنى ياخشى قوغداشنى خالايدۇ.

ماركوس ئۆزىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان دوستانە ئالاقىسىنى چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن ئەسلەپ مۇنداق بىلدۈردى: فىلىپپىن خەلقى جۇڭگونى ئەڭ مۇھىم ھەمراھلىرىمىزنىڭ بىرى، دەپ قارايدۇ. فىلىپپىن يېڭى ھۆكۈمىتى فىلىپپىن ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ نۇقتىلىق يۆنىلىشى قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ھەرقايسى قاتلام دەرىجىلىكلەر ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد ـ سودا، ئۇل ئەسلىھە، ئېنېرگىيە، مەدەنىيەت، مائارىپ قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. مەن فىلىپپىن ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسىنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ كۈچلۈك تەرەققىي قىلىشىدىن چوڭقۇر ئۈمىد كۈتىمەن، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئۈزلۈكسىز تۈردە فىلىپپىن ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشنى خالايمەن.

مەنبە: خەلق تورى


مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ