مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەن جېڭ مەركەزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك

2022.05.20 23:09 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، مەركەز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى خەن جېڭ 5-ئاينىڭ 19-كۈنى مەركەز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ 2-نۆۋەتلىك 6-تۈركۈمدىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش دوكلاتىنى قاراپ چىقىپ، كېيىنكى قەدەمدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قاتار تۈپ خاراكتېرلىك، ئىجادىي، ئۇزاق مۇددەتلىك خىزمەتلەرنى پىلانلاپ قانات يايدۇردى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا تونۇش ئەمەلىيىتىدىن تارتىپ تارىخىي خاراكتېرلىك، بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك، ئومۇمىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولدى. مەركەزنىڭ 2-نۆۋەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش سىستېمىسى قارىشىنى كۈچەيتىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا، دەل جايىدا، ئىلمىي، قانۇن بويىچە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان گەۋدىلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، خىزمەتلەرنى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك ئىشلىدى. نازارەت قىلىشتا بايقالغان تۈرلۈك مەسىلىلەرگە قارىتا تۈزىتىش تەلىپىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يەرلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، تۈزىتىش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى نازارەت قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن «14-بەش يىل»لىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى گەۋدىلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنى زىچ چۆرىدەپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى چوڭقۇر ياخشى قىلىپ، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم بىلەن ياخشى قىلىش كېرەك. بۇلغىما ئازايتىش، كاربون ئازايتىشنى ماس قەدەمدە ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى باش تۇتقا قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بايلىقتىن تۈجۈپىلىك، تېجەشلىك پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش بىلەن كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى پۇختا، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. مەملىكەت بويىچە «ئۈچ رايون، ئۈچ سەپ»نى بېكىتىش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى بېكىتىپ ھەم قاتتىق ساقلاپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ سۈپىتى ۋە مۇقىملىقىنى ئۆستۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بىخەتەرلىكىنى قوغداش كېرەك.

  مەركەز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، مەركەز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى، مەركەز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ