مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ پاكىستان زۇڭلىسى شاخباز بىلەن تېلېفونلاشتى

2022.05.18 14:08 مەنبە: خەلق تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 5–ئاينىڭ 16 -كۈنى چۈشتىن بۇرۇن جۇڭنەنخەينىڭ بىنەپشە راۋىقىدا، تەكلىپكە بىنائەن پاكىستان زۇڭلىسى شاخباز بىلەن تېلېفونلاشتى.


  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن پاكىستان ئۆزئارا دوست قوشنا دۆلەتلەر ھەم جانجىگەر دوستلار. 2015-يىلى رەئىس شى جىنپىڭ پاكىستاندا مۇۋەپپەقىيەتلىك زىيارەتتە بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى. جۇڭگو پاكىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى باشتىن ئاخىر ئەتراپ دىپلوماتىيەسىدە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، پاكىستان تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغدىشىنى ئىلگىرىكىدەكلا قەتئىي قوللايدۇ، پاكىستان تەرەپنىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، پۇل مۇئامىلە مۇقىملىقىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ، پاكىستان بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو -پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قاتارلىق مۇھىم تۈرلەر ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش شەرتى ئاستىدا، ئىككى تەرەپ خادىملىرىنىڭ بېرىش-كېلىشىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.


  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو يېقىندا كاراچىدىكى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسىدىن چۆچۈدى ۋە غەزەپلەندى، بۇ تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. پاكىستان تەرەپنىڭ قاتىلنى تېزدىن قانۇن بويىچە جازالاپ، كېيىنكى ئالاقىدار ئىشلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋە يارىلانغانلارغا تەسەللىي بېرىپ، پاكىستان ۋە جۇڭگو تەرەپ ئاپپاراتلىرى ۋە خادىملىرىغا قارىتىلغان ئامانلىق ساقلاش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تىراگېدىيەنىڭ قايتا يۈزبەرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
شاخباز كاراچىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسىدە جۇڭگو تەرەپ خادىملىرىنىڭ قازا قىلغانلىقىغا يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى، يارىلانغانلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پاكىستان تېررورلۇقنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ، پاكىستان ۋە جۇڭگو تەرەپ خادىملىرىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قەدىرلەيدۇ، تالاپەتكە ئۇچرىغان جۇڭگولۇقلارنى ئۆز قېرىندىشى دەپ قاراپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، قاتىلنى قولغا ئالىدۇ ھەمدە قانۇن بويىچە قاتتىق جازالايدۇ. پاكىستان پاكىستان بىلەن جۇڭگونىڭ بارلىق ئاپپاراتلىرى ۋە خادىملىرىغا بولغان ئامانلىق ساقلاش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، بۇنداق ئىشلارنىڭ قايتا يۈزبەرمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.


  شاخباز مۇنداق بىلدۈردى: پاكىستان بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىق سەۋىيەسى مىسلى كۆرۈلمىگەن يۈكسەكلىككە يەتتى. پاكىستان جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە پاكىستان-جۇڭگو ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، نۇقتىلىق تۈرلەر ۋە ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خادىملار ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.
ۋاڭ يى، شياۋ جيې، خې لىفېڭ يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر


  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ