مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

رەئىس ۋاڭ ياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش رەئىسلەر كېڭىشىنىڭ 71-قېتىملىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2022.05.19 13:59 مەنبە: خەلق تورى

  سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22 ـ يىغىنىنى 6 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنىدىن 22 ـ كۈنىگىچە ئېچىش قارار قىلىندى


  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى تېلېگراممىسى. سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى رەئىسلەر كېڭىشىنىڭ 71ـ قېتىملىق يىغىنى 5 ـ ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.


  يىغىندا، 2021 ـ يىللىق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش سۈپىتىنى باھالاش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى ۋە مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، سۈپەتنى باھالاشنى قانات يايدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ» قانچىلىك ئىشلەش» تىن» قانداق ئۈنۈم يارىتىش«قا ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ،» ياخشى» بولۇش ئۆلچىمى بېكىتىلدى، ھەم» ياخشى« بولۇش يۆنىلىشى باھالاپ چىقىلدى. يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش شارائىتىدا، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ فۇنكسىيە ئادا قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلىرى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇپ، خىزمەت سۈپىتى ۋە سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلۈپ، بەنگۇڭتىڭ ۋە ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ فۇنكسىيە ئادا قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىش سۈپەت ئېڭى يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، كېڭىشىش نەتىجىلىرىنى ئىز قوغلاپ ئىنكاس قىلىش ۋە ئايلاندۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كۈچەيتىلىپ، ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيەتنى زېممىسىگە ئېلىش ئېڭى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىلىپ، فۇنكسىيە ئادا قىلىش قىزغىنلىقى ۋە فۇنكسىيە ئادا قىلىش ئۈنۈمى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلدى. كېيىنكى قەدەمدە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى كۆزلەپ، تۈرلۈك كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش پائالىيەتلىرىنىڭ قانۇنىيىتى، ئالاھىدىلىكىنى يەنىمۇ تەھلىل قىلىپ ۋە يەكۈنلەپ، باھالاش ئۆلچىمى ۋە تەرتىپىنى تەڭشەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەتلەرنى ياخشىلاشنىڭ كونكرېت تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلىپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش نەتىجىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، سۈپەت باھالاش سىستېمىسىنىڭ ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك. يىغىندا سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22 ـ يىغىنىنىڭ قارالمىلىرى) لايىھە ( ۋە كۈنتەرتىپى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، 6 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە بېيجىڭدا سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22 ـ يىغىنىنى ئېچىپ، » يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش» نى چۆرىدەپ كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش قارار قىلىندى.


  يىغىندا لۇ مىڭنىڭ سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى قارارى قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، 22-قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا سۇنۇلدى.


  رەئىسلەر يىغىنىدا 2022 ـ يىللىق 2 ـ قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە تەشكىللەندى، دۆلەت كۇتۇپخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دۆلەت قەدىمكى ئەسەرلەرنى قوغداش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ جىچىڭ تەكلىپكە بىنائەن» قەدىمكى ئەسەرلەرنى قوغداش، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش ـــــ دۆلىتىمىزنىڭ قەدىمكى ئەسەرلەرنى ساقلاش ۋە قوغداش ئەھۋالى» دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى.


  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى لى بىن قاتارلىقلار ئالاقىدار قارالمىلار توغرىسىدا ئىزاھات بەردى ۋە دوكلات بەردى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن جاڭ چىڭلى، ليۇ چىباۋ، ۋەن گاڭ، لۇ جەنگۇڭ، ۋاڭ جېڭۋېي، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، باتېر، ۋاڭ يۇڭچىڭ، خې لىفېڭ، سۇ خۇي، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.

كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ