مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ يۈننەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

يۇقىرى-تۆۋەن بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، بازار سۇبيېكتلىرىنى قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ھەقىقىي مۇقىملاشتۇرۇپ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2022.05.23 10:33 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 5-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە، يۈننەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ نىڭ، ئۆلكە باشلىقى ۋاڭ يۈبونىڭ ھەمراھلىقىدا چۈجىڭ، كۇنمىڭدا تەكشۈرۈشتە بولدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش– تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاپ، بازار سۇبيېكتلىرىنى قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، باھانى مۇقىملاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ مۇۋاپىق ئارىلىقتا بولۇشىنى ساقلاش كېرەك.


  چاڭپو يىزۇ كەنتىدە، لى كېچياڭ قوناقلىققا كىرىپ مايسىلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئاشلىق تېرىش تەننەرخى ۋە كىرىمىنى ئىگىلىدى. دېھقانلار دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى تولۇقلىما ياردەم پۇلىنىڭ تەننەرخ بېسىمىنى يېنىكلەتكەنلىكىنى ئىنكاس قىلدى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئاشلىق يېتەرلىك بولسا جاھان تىنچ بولىدۇ، ئاشلىق تېرىش چىڭ قائىدە. ھازىر يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنىڭ باھاسى يەنىلا يۇقىرى، دېھقانلارنى يۆلەپ، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىغا تېزدىن يەنە بىر قېتىم تولۇقلىما ياردەم پۇلى بېرىش كېرەك. ئۇ كەنت ئاھالىلىرى بىلەن پاراڭلاشتى. كىچىك، ئۇششاق كارخانا ئىگىلىرى، يەككە تىجارەتچىلەر نۆۋەتتىكى قىيىنچىلىقنىڭ ئېغىر، قەرز قايتۇرۇشنىڭ قىيىن ئىكەنلىكىنى ئىنكاس قىلدى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار، يەككە سودا- سانائەتچىلەر قەرز پۇلىنىڭ قەرەلىنى ئۇزارتىش، دىرىنى كېچىكتۈرۈپ قايتۇرۇش قاتارلىق سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەمدە باسقۇچلۇق ئۆسۈمنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش سىياسىتىنى چىڭ تۇتۇپ يولغا قويۇش كېرەك.


  لى كېچياڭ چۈجىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا شەھەرچىسىگە بېرىپ، يۈننەننىڭ كۆكتاتلارنى سىرتقا يۆتكەش مىقدارىنىڭ مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغانلىقىنى بىلىپ، يۈننەننىڭ ئەۋزەللىكىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، كۆكتات بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى. يۈك تىرانسپورت شوپۇرلىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئۇلار ئاپتوموبىل سېتىۋالغاندا ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش گۇرۇھىنىڭ مالىيە شىركىتىدىن قەرز ئالغان بولۇپ، ھازىر كىرىمى ئازىيىپ، قەرز قايتۇرۇش بېسىمى ئېشىپ كەتكەن. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: شوپۇرلارغا ئاسان ئەمەس، بىر ئاپتوموبىل بىلەن ئۆز تۇرمۇشىنى قامدايدۇ، شۇنداقلا مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرنىڭ تاماق ئۈستىلىنى بېيىتىدۇ. چوڭ تىپتىكى دۆلەت ئاپتوموبىل كارخانىلىرىنى رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا يېتەكلەپ، بانكا بىلەن كارخانا ھەمتۈرتكە بولۇپ، يۈك تىرانسپورت شوپۇرلىرىنىڭ قەرز قايتۇرۇش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا يەنىمۇ ياردەم بېرىش كېرەك.


  يول ئۈستىدە، لى كېچياڭ ۋاقتىنچە يول بويىدىكى ئاشپۇزۇلغا كىرىپ، تىجارەت تەننەرخى، ئېقىن سۇ، ئۆي ئىجارىسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى سورىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: دۆلەت ۋە يەرلىك داۋاملىق تەدبىر قوللىنىپ، سىلەرنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈشىڭلارغا ياردەم بېرىدۇ.


  يۈننەن داشۆسىدە، لى كېچياڭ ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى تاپىلىدى. ئۇ مەكتەپنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش نەق مەيدانىغا كېلىپ، كېلىشىم ئىمزالاش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئىش ئورنى تېپىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئۆگىنىشتە نەتىجە قازىنىش، نەتىجىسى ئەسقاتىدىغان بولۇش، شۇنداقلا ئۇنى جانلىق، ياخشى ئىشلىتىش كېرەك، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىنكى خىزمەت دۆلەت، ئائىلە ئۈچۈن بايلىق يارىتىش، شۇنداقلا ئوقۇشنى سىناشتۇر.

  


  لى كېچياڭ يەنە مەكتەپنىڭ كېمبرىي دەۋرىدىكى قەدىمكى جانلىقلار تەتقىقات نەتىجىسىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۆتمۈشنى تونۇش ھازىرنى ئىگىلەشكە، كەلگۈسى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە پايدىلىق. مەنبەنى سۈرۈشتۈرگەندە، ئىلمىي تەتقىقات ئاندىن ئېگىزدە تۇرۇپ، يىراققا بارالايدۇ.


  لى كېچياڭ ۋېنتەي خەۋەرلىشىش شىركىتىگە كېلىپ، شىركەتنىڭ پۇقراۋى كارخانا ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا چەت ئەل مەبلىغىنى كىرگۈزۈپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ كۆپ ھالقىسىدا ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش ئارقىلىق ئەۋزەللىك ياراتقانلىقىنى بىلىپ، ئۇ مۇنداق دېدى: كارخانا ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، ئېچىۋېتىش، تەرەققىي قىلىش غەيرىتىگە ئىگە بولۇپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئىلغار ئامىللارنى مۇجەسسەملەپ، كۆپەيتكۈچى ئېففېكتىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. دۆلەت تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلارنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى بىردەك قوللايدۇ. ئۇ يەنە يۈرۈشلەشكەن كىچىك، ئۇششاق كارخانا ئىگىلىرى بىلەن پاراڭلاشتى، كۆپچىلىك قەرز ئېلىشنىڭ قىيىن ئىكەنلىكىنى ئىنكاس قىلدى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: باشلامچى كارخانىلارنىڭ ئىناۋىتى ياخشى، يۈرۈشلەشكەن كارخانىلارنىڭ تىجارەت ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، كەسىپ زەنجىرىدىكى باشلامچى كارخانىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشى، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلىشى كېرەك.


  لى كېچياڭ غەربنىڭ توكىنى شەرققە يەتكۈزۈشتىكى تەڭشەش-تىزگىنلەش مەركىزىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئېنېرگىيە بىلەن مۇقىم تەمىنلەشنىڭ تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىش ۋە مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تىرەك ئىكەنلىكىنى، بۇ يىل توك ئىشلىتىشكە چەك قويۇشنى قەتئىي توسۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. سۇ ئېلېكتىرى مۇھىم يېشىل ئېنېرگىيە مەنبەسى، بۇ يىل چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدا سۇ بىر قەدەر كۆپ، ئىلمىي تەڭشەپ، پايدىلىق شارائىتنى چىڭ تۇتۇپ، توكنى كۆپ چىقىرىپ، غەربنىڭ توكىنى شەرققە يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش بىلەن بىللە، سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.


  لى كېچياڭ يۈننەننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يۇقىرى-تۆۋەن بىر نىيەتتە قىيىنچىلىقلارنى ئورتاق يېڭىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە ئۆرلەپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى.


  شياۋ جيې، خې لىفېڭ تەكشۈرۈشتە بىللە بولدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ