مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ئامېرىكا ئىئوۋا ئىشتاتىدىكى دوستى ساراھ راندىي خانىمغا جاۋاب خەت قايتۇردى

2022.05.26 10:29 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكا ئىئوۋا ئىشتاتىدىكى دوستى ساراھ راندىي خانىمغا جاۋاب خەت قايتۇردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مەن ئىككى قېتىم گۈزەل ئىئوۋا ئىشتاتىغا زىيارەتكە بېرىپ، ماسكاتىن شەھىرى بىلەن ئۈزۈلمەس رىشتە باغلىدىم. جۇڭگو ـ ئامېرىكا ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ئۇلۇغ خەلق، خەلقلەرنىڭ دوستلۇقى بىر قىممەتلىك بايلىق، تېخىمۇ مۇھىمى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى مۇھىم ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ. جۇڭگو خەلقى داۋاملىق ئامېرىكا خەلقى بىلەن بىرلىكتە دوستانە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. شى جىنپىڭ راندىي خانىم ۋە ئىئوۋا ئىشتاتىدىكى قەدىناس دوستلىرىنى دوستلۇق ئۇرۇقىنى داۋاملىق چېچىپ، جۇڭگو ـ ئامېرىكا ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

ساراھ راندىي خانىم 1985 ـ يىلى ئەينى چاغدا خېبېي ئۆلكىسى جېڭدىڭ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىلىقىنى ئۆتەۋاتقان شى جىنپىڭ ماسكاتىن شەھىرىدە زىيارەتتە بولغاندا كۈتۈۋالغانىدى. 2012 ـ يىلى ئەينى چاغدا دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىنى ئۆتەۋاتقان شى جىنپىڭ ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، يەنە بىر قېتىم راندىينىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئامېرىكىدىكى قەدىناس دوستلىرى بىلەن كۆرۈشكەن. يېقىندا راندىي رەئىس شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قەدىناس دوستلىرىغا بولغان قىممەتلىك دوستلۇق مېھرىگە رەھمەت ئېيتتى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چۈشىنىش ۋە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى. راندىي خېتىگە قوشۇپ رەئىس شى جىنپىڭغا ئۆزى يازغان ئەسلىمە «قەدىناس دوستلار: شى جىنپىڭ بىلەن ئىئوۋانىڭ ھېكايىسى» دېگەن كىتابنى سوۋغا قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ