مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك مەخسۇس خادىمى باچېلېت بىلەن كۆرۈشتى

2022.05.27 10:05 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى بېيجىڭدا سىنلىق شەكىلدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك مەخسۇس خادىمى باچېلېت بىلەن كۆرۈشتى.


  شى جىنپىڭ باچېلېتنىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى ھەم جۇڭگونىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى چوڭقۇر بايان قىلدى، جۇڭگو پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ھەر تەرەپلىمە قوغداش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغانلىقىدىن ئىبارەت پىرىنسىپال مەيدانىنى بىلدۈردى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنياغا كەلگەن شۇ كۈندىن باشلاپ، جۇڭگو خەلقىگە بەخت يارىتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشنى ئۆزىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچى قىلىپ، 100 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان خەلقنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئىزچىل كۈرەش قىلىپ كەلدى. خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكى دەل بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز. ئۇزاق مۇددەت جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، جۇڭگو دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇنلاشقان، ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاچتى. بىز پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇپ، كىشىلىك ھوقۇق قانۇنچىللىق كاپالىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت ئادىللىقى ۋە ھەققانىيلىقىنى قوغدىدۇق، جۇڭگو خەلقى تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك بولغان دېموكراتىيە ھوقۇق - مەنپەئىتىدىن بەھرىمەن بولدى. جۇڭگو خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى مىسلىسىز كاپالەتلەندۈرۈلدى.


  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتىدە ئەڭ ياخشىسى يوق، پەقەت تېخىمۇ ياخشىسى بار. جۇڭگو تەرەپ باراۋەر بولۇش ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى ۋە ھەمكارلىقىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى كېڭەيتىپ، ئىختىلاپلارنى ئازايتىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، ئورتاق ئىلگىرىلەپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايدۇ. ھازىر، ئەڭ مۇھىمى، تۆت ئىشنى ياخشى قىلىش كېرەك.


  بىرىنچى، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلىپ، خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى ئۈزلۈكسىز ياخشى ھەل قىلىپ، تىرىشىپ خەلقنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش كېرەك، مانا بۇ ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق. بىر دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنىڭ ياخشى - ياخشى ئەمەسلىكىدە، ئاچقۇچلۇقى شۇ دۆلەت خەلقلىرى مەنپەئىتىنىڭ قوغدالغان - قوغدالمىغانلىقىغا، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنىڭ كۈچەيگەن - كۈچەيمىگەنلىكىگە قاراش كېرەك، بۇ، بىر دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى سىناشتىكى ئەڭ مۇھىم ئۆلچەم. خەلقنى ھەقىقىي تۈردە ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق قاتناشقۇچىسى، ئىلگىرى سۈرگۈچىسى، مەنپەئەتلەنگۈچىسىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.


  ئىككىنچى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەك. كىشىلىك ھوقۇق تارىخىي، كونكرېت، رېئال بولىدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ئوخشاش بولمايدۇ، تارىخىي مەدەنىيىتى، جەمئىيەت تۈزۈمى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى سەۋىيەسىدە پەرق مەۋجۇت بولۇپ، جەزمەن شۇنداقلا ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ، ئۆزىگە ماس كېلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ، باشقا دۆلەتنىڭ تۈزۈم ئەندىزىسىنى ئۆز پېتى كۆچۈرۈپ كەلگەندە، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كەلمەيلا قالماستىن، بەلكى ئاپەت خاراكتېرلىك ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا زىيانغا ئۇچرايدىغىنى يەنىلا كەڭ خەلق ئاممىسى بولىدۇ. بۇ جەھەتتىكى مىساللار ناھايىتى كۆپ، بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىش كېرەك.


  ئۈچىنچى، تۈرلۈك كىشىلىك ھوقۇقنى بىرتۇتاش پىلانلاش، ئۇنىڭغا تەڭ ئېتىبار بېرىش كېرەك. كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنى ئەتراپلىق، مول بولۇپ، جەزمەن ئۇنىۋېرسال تەدبىر يۈرگۈزۈپ، سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىش كېرەك. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىي قىلىش ھوقۇقى ئەڭ مۇھىم كىشىلىك ھوقۇق. تىرىشىپ تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تېخىمۇ بىخەتەر بولغان تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.


  تۆتىنچى، يەرشارىۋى كىشىلىك ھوقۇقنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئۇنى قوغداش پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئىشى بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە توغرا كېلىدۇ. كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە مۇكەممەل بولغان «غايىۋى دۆلەت» مەۋجۇت ئەمەس، باشقا دۆلەتلەرگە ھاكاۋۇرلۇق قىلىدىغان «ئەقىلدار»نىڭ كېرىكى يوق، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا، قورالغا ئايلاندۇرۇۋېلىشقا، قوش ئۆلچەم قوللىنىشقا، كىشىلىك ھوقۇقنى باھانە قىلىپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يەرشارىۋى كىشىلىك ھوقۇقنى ئىدارە قىلىشنىڭ تېخىمۇ ئادىل، ھەققانىي، مۇۋاپىق، سىغدۇرۇشچان يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى داۋاملىق قوللايدۇ.


  باچېلېت مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپنىڭ يۇقۇم قىيىنچىلىقىنى يېڭىپ، مېنىڭ جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشۇمنى قوبۇل قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن، بۇ، 17 يىلدىن بۇيان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك مەخسۇس خادىمىنىڭ تۇنجى قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشى، مەن بۇ قېتىمقى زىيارەتكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىمەن ۋە ئۇنى قەدىرلەيمەن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلار بىلەن كەڭ كۆلەمدە ئۇچرىشىپ، بىۋاسىتە پىكىر ئالماشتۇرىمەن، ئىشىنىمەنكى، بۇ قېتىمقى زىيارەت مېنىڭ جۇڭگونى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىمگە پايدىلىق. مەن جۇڭگو تەرەپنىڭ نامراتلىقنى تۈگىتىش، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ۋە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە قايىل، جۇڭگو تەرەپنىڭ كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداش، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق يەرشارىۋى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش، يەرشارىۋى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقىنى ئالقىشلايمەن. يۇقىرى دەرىجىلىك مەخسۇس خادىملار ئىشخانىسى جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يەرشارىۋى كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ.


  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى (گۇاڭجوۋدا) كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ