مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى جەنشۇ گرېتسىيە پارلامېنتىنىڭ باشلىقى تاسسۇلاس بىلەن سۆھبەتلەشتى

2022.05.25 13:36 مەنبە: خەلق تورى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ۋېييۇەنجاڭى لى جەنشۇ 24-چېسلا بېيجىڭ خەلق سارىيىدا گرېتسىيە پارلامېنتىنىڭ باشلىقى تاسسۇلاس بىلەن سىنلىق سۆھبەتلەشتى.

  لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ۋە گرېتسىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو بىلەن گرېتسىيەنىڭ يۇقىرى قاتلاملىق ئالاقىسى قويۇقلىشىپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈزۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق سىجىل ئالغا سىلجىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسى تېخىمۇ قويۇقلىشىپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلۈدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلىرىدە باشتىن – ئاخىر بىر- بىرىنى قەتئىي قوللاپ، باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا چۈشىنىپ، قوللاپ، دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى دوستانە ئالاقىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن گرېتسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى. جۇڭگو گرېتسىيە بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو-گرېتسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نۆۋەتتە، خەلقئارا ۋەزىيەت چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرمەكتە، جۇڭگو - گرېتسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىملىقى، ئىستراتېگىيەلىكلىكى تېخىمۇ گەۋدىلەنمەكتە. ئىككى تەرەپ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئاساس قىلىپ، قەتئىي ھالدا ئۆزئارا قوللاپ ۋە ماسلىشىپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان خەلقارالىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا ئورتاق تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو گرېتسىيەنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، گرېتسىيەنىڭ ئۆزىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئەتىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ. گرېتسىيە ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلدى، جۇڭگو گرېتسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو - ياۋروپا ھەمكارلىقىنى ئۈزۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى تەرەپنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى «گىرېتسىيە 2.0» دۆلەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇپ، پىرائېئۇس پورتى قاتارلىق بەلگە خاراكتېرلىك تۈرلەرنى ياخشى بەرپا قىلىپ، سۇ تىرانسپورتى، ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە، يېشىل ۋە رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. گىرېتسىيە كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە ئاكتىپ قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمىز. گىرېتسىيەنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمىز. جۇڭگو بىلەن گىرېتسىيە قەدىمىي مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەر، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ يېقىن ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالاقىسى جۇڭگو-گىرېتسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى گىرېتسىيە پارلامېنتى بىلەن يۇقىرى قاتلام ۋە مەخسۇس كومىتېتلار، دوستلۇق گۇرۇپپىلىرى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى داۋاملىق قويۇقلاشتۇرۇپ، قانۇن چىقىرىش ۋە نازارەت قىلىش خىزمىتى تەجرىبىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى قانۇن تىرىكى بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ؛ كۆپ تەرەپلىك پارلامېنت تەشكىلاتلىرىدىكى ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەك.

  تاسۇراس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گىرېتسىيە-جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 50 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. گىرېتسىيە بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ. گىرېتسىيە پارلامېنتى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان دوستانە ئالاقىنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» نى ئورتاق قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، ئىقتىساد-سودا، سېلىنما، ساياھەت قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئورتاق قوغداش ئۈچۈن قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىغا پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ