مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

«كېسىم قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش»نى چۆرىدەپ كېڭىشىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى، ۋاڭ ياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى

2022.05.31 23:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 31-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 63-قېتىملىق قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، كېسىمنىڭ ئالاھىدىلىكى، قانۇنىيىتى ۋە تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى ئىگىلەپ، مەۋقەنى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇش بىلەن خەلقئارا تەجرىبىلەرنى ئۆرنەك قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى كېسىم ۋە چەت ئەلگە چېتىشلىق كېسىمنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، ئەۋزەللىكنى مۇستەھكەملەپ، كېڭىشىپ چارە-تەدبىر كۆرسىتىش سۇپىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك كېسىم قانۇن-تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  سىياسىي كېڭەش ئەزاسى ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىملاردىن ئون كىشى يىغىندا كېڭىشىپ سۆز قىلدى، 80گە يېقىن ئەزا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش سۇپىسىدا پىكىر بايان قىلدى. كۆپچىلىك مۇنداق قارىدى: ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان كېسىم قانۇنى يولغا قويۇلغان 20 نەچچە يىلدىن بۇيان ھەق تەلەپ، سودا ماجىرالىرىنى ھەل قىلىش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، دېلو قوبۇل قىلىش دائىرىسى بىر قەدەر تار بولۇش، كېسىم ئاپپاراتلىرىنىڭ خاراكتېرى، ئورنى ئېنىق بولماسلىق، كېسىمچىلەرگە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر مۇكەممەل بولماسلىق، قانۇن يۈرگۈزۈشتە قوللاش، كاپالەتلەندۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش مېخانىزمى مۇكەممەل بولماسلىق، خەلقئارا كېسىم قائىدىسى بىلەن تولۇق جىپسىلاشماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت بولۇپ، ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە كېسىم ئەمەلىيىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشالماي قالدى، جىددىي تۈزىتىپ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

  ئەزالار مۇنداق تەكلىپ بەردى: كېسىم قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە، كېسىم دېلولىرىنى قوبۇل قىلىش دائىرىسىنى مۇۋاپىق كېڭەيتىش كېرەك، پىرىنسىپ جەھەتتىن دەۋالاشقۇچىلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بولغان، ئاممىۋى مەنپەئەتكە تەسىر يەتكۈزمەيدىغان ماجىرالارنى كېسىم قىلىشقا بولىدۇ، خەلقئارادا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىۋاتقان ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى، خەلقئارا مەبلەغ سېلىش، تەنتەربىيە، مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى تالاش-تارتىشلار كېسىم دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ. كېسىم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كېسىم ئاپپاراتلىرىنىڭ پايدا ئالمايدىغان قانۇنىي ئىگە بولۇشتىكى كونكرېت تۈرىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كېسىم ئاپپاراتلىرىدىن تەدبىر بەلگىلەش ھوقۇقى، ئىجرا قىلىش ھوقۇقى، نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى ئۆزئارا ئايرىش، ئۈنۈملۈك تىزگىنلەش، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت باراۋەر بولغان قانۇنىي ئىگە ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلىش كېرەك؛ كېسىمچىلەرنى تەكلىپلىك تەيىنلەش سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش، تاللاپ تەيىنلەش، باھالاش قاتارلىق مېخانىزملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كېسىمچىلەر ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ساھە تەلەپچانلىقى ۋە نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك؛ كېسىم تەرتىپى ۋە قائىدىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دەۋالاشقۇچىلارنى ئەرزان، قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك كېسىم مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك؛ كېسىم بىلەن دەۋانىڭ مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇرۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈشتە كېسىمنى قوللاش ۋە نازارەت قىلىش پىرىنسىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كېسىمنىڭ قانۇن بويىچە مۇستەقىل قانات يايدۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، كېسىمنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈشكە ئايلىنىش خاھىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك؛ خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان كېسىم مەركىزى قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا كېسىم ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى قوللاپ، دۆلىتىمىز كېسىمىنىڭ خەلقئارا رىقابەت كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك؛ كېسىم پەنلىرى قۇرۇلۇشى ۋە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى ساپالىق خەلقئارالاشقان كېسىم ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنى بەرپا قىلىش كېرەك؛ قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ خەلق ئاممىسىنى كېسىمنى بىلىش، كېسىمنى چۈشىنىش، كېسىم قىلىشتىن پائال پايدىلىنىپ ماجىرالارنى ھەل قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن جاڭ چىڭلى، چېن شياۋگۇاڭ، لى بىن يىغىنغا قاتناشتى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ يۇڭچىڭ باش تېمىدا سۆز قىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىرىدىن شۈ لىچۈەن، جياڭ پىڭ، ۋاڭ زىخاۋ، ليۇ جېنيۈ، لى يۈشېڭ، لى ۋېيبىن، ساۋ يىسۈن، ليۇ مۇرېن، جاڭ شۈيبو ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىم جياڭ لىلى سۆز قىلدى. ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇلى ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، جۇڭگو سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى كېڭىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ