مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ لى جياچاۋ بىلەن كۆرۈشتى

2022.06.01 17:15 مەنبە: خەلق تورى

  لى جياچاۋنى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 6-نۆۋەتلىك باش مەمۇرلىقىغا تەيىنلەش توغرىسىدىكى گوۋۇيۈەن پەرمانىنى بەردى


  خەن جېڭ پەرمان بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى


  5-ئاينىڭ 30-كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ جۇڭنەنخەيدىكى بىنەپشە راۋاقتا لى جياچاۋ بىلەن كۆرۈشۈپ، لى جياچاۋغا ئۇنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 6-نۆۋەتلىك باش مەمۇرلىقىغا تەيىنلىگەن گوۋۇيۈەننىڭ 754-نومۇرلۇق پەرمانىنى بەردى.


  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 30-ماي چۈشتىن بۇرۇن جۇڭنەنخەيدىكى بىنەپشە راۋاقتا لى جياچاۋ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 6-نۆۋەتلىك باش مەمۇرلىقىغا تەيىنلىگەن گوۋۇيۈەننىڭ 754-نومۇرلۇق پەرمانىنى بەردى.


  گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ گوۋۇيۈەننىڭ پەرمان بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە رىياسەتچىلىك قىلدى.


  لى كېچياڭ ئالدى بىلەن لى جياچاۋنىڭ سايلانغانلىقىنى ھەم ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىكىنى تەبرىكلىدى، ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەركىزىي ھۆكۈمەت «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»، «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش »، يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىنى ئىلگىرىكىدەكلا ئومۇميۈزلۈك، توغرا، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننى ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «شياڭگاڭنى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش» نى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش مەمۇر ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى ۋە شياڭگاڭنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، شياڭگاڭنىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، شياڭگاڭنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلايدۇ.


  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەر باشتىن ـ ئاخىر شياڭگاڭنىڭ تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە خەۋپ ـ خەتەر، خىرىسلارنى يېڭىشىدىكى كۈچلۈك ئارقا تىرەك. ئىشىنىمەنكى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى شياڭگاڭدىكى ھەر ساھە زاتلارنى كەڭ دائىرىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈدۇ. شياڭگاڭنىڭ ئەنئەنىۋى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە، ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى، سودىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ مەركەزلىك ئورنىنى مۇستەھكەملەپ ۋە ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا يېڭىلىق يارىتىش پەن ـ تېخنىكا مەركىزى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىدۇ. يۇقۇمنىڭ داۋاملىق ئالدىنى ئېلىپ ۋە ۋە ئۇنى تىزگىنلەپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، شەھەر ئاھالىسى ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى قىيىن نۇقتىلارنى تىرىشىپ ھەل قىلىپ، شياڭگاڭ شەھەر ئاھالىسىنى تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈدۇ.


  لى جياچاۋ مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ئىشەنچىسى ۋە شياڭگاڭ ئاھالىسىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، «نېگىزلىك قانۇن» بويىچە «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شياڭگاڭنىڭ تەرەققىياتى، شەھەر ئاھالىسىنىڭ بەختى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئاتلىنىپ، ئۇزاققىچە گۈللەنگەن، مۇقىم بولغان شياڭگاڭ قۇرۇپ چىقىمەن.


  شياۋ جيې، شيا باۋلۇڭ كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ