مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ لى جياچاۋ بىلەن كۆرۈشتى

2022.06.01 09:35 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن كېيىن دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانسارىيىدا يېڭىدىن سايلانغان ھەم مەركىزىي ھۆكۈمەت تەيىنلىگەن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 6 - قارار باش مەمۇرى لى جياچاۋ بىلەن كۆرۈشتى.


  شى جىنپىڭ لى جياچاۋنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 6 - قارار باش مەمۇرلۇقىغا سايلانغانلىقى ھەم مەركىزىي ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەيىنلەنگەنلىكىنى تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: سىزنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، شياڭگاڭنى سۆيۈش مەيدانىڭىز مۇستەھكەم، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىڭىزگە ئېلىپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، ئوخشاش بولمىغان خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭ ھەممىسىدە ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىڭىزنى تولۇق ئادا قىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە شياڭگاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن تۆھپە قوشتىڭىز. مەركەز سىزنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ، شۇنداقلا سىزگە تولۇق ئىشىنىدۇ.


  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇلتۇردىن بۇيان، يېڭى سايلام تۈزۈمى شارائىتىدا، شياڭگاڭدا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سايلام كومىتېتىنىڭ سايلىمى، 7 - نۆۋەتلىك قانۇن چىقىرىش كېڭىشىنىڭ سايلىمى، 6 - قارار باش مەمۇر سايلىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، ھەممىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يېڭى سايلام تۈزۈمى «شياڭگاڭنى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شياڭگاڭ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى قاتلام، ھەرقايسى ساھەلەر بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ شياڭگاڭنى گۈللەندۈرىدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتا ھەل قىلغۇچ رولىنى جارى قىلدۇردى. بۇ، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» فاڭجېنىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، شياڭگاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، شياڭگاڭنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان بىر يۈرۈش سىياسىي تۈزۈم، دېموكراتىك تۈزۈم بولۇپ، جەزمەن ھەسسىلەپ قەدىرلەش، ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش كېرەك.


  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل دەل شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 25 يىللىقى. 25 يىلدىن بۇيان، نۇرغۇن بوران - چاپقۇن، خىرىسلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نىڭ شياڭگاڭدىكى ئەمەلىيىتى پۈتۈن دۇنيا بىردەك ئېتىراپ قىلغان مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى. مەركەزنىڭ «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش ئىرادىسى ئەزەلدىن تەۋرەنمىدى، شۇنداقلا ئۆزگەرمەيدۇ. مەركىزىي ھۆكۈمەت، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، شياڭگاڭ قالايمىقانچىلىقتىن تۈزۈلۈشكە ئۆتۈشتەك مۇھىم، زور بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۈزەشتىن گۈللىنىشكە ئۆتۈشتەك ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشتە چوقۇم يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلىدۇ، شياڭگاڭنىڭ تەرەققىياتىدا چوقۇم يېڭى سەھىپە پۈتۈپ چىقىلىدۇ.


  خەن جېڭ، شيا باۋلۇڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ