مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ 2 - قېتىملىق جۇڭگو - تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا يازما سۆز قىلدى

2022.06.01 20:50 مەنبە: خەلق تورى

5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2 - قېتىملىق جۇڭگو - تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا يازما سۆز قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىنىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، تاغ - دېڭىزلاردىن ھالقىغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشتىن ئىبارەت ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ چوڭ - كىچىك دۆلەتلەرنىڭ بىردەك باراۋەر بولۇشىدا ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ، توغرا ھەققانىي مەنپەئەت قارىشى ۋە راستچىل - سەمىمىي بولۇش ئىدىيەسىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇردى. خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو باشتىن - ئاخىر تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىنىڭ مەقسەت - نىشانى بىردەك بولغان ياخشى دوستى، ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولىدىغان ياخشى قېرىندىشى، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ياخشى ھەمراھى. 2021 - يىلى 10 - ئايدا، جۇڭگو - تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى مېخانىزمى رەسمىي ئورنىتىلىپ، جۇڭگونىڭ تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى بىلەن بولغان سۆھبەتنى كۈچەيتىشى، ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشى ئۈچۈن يېڭى، مۇھىم سۇپا ھازىرلاندى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رايون خەلقلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، شۇنداقلا رايون دۆلەتلىرىنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. جۇڭگو تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە، خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، تەرەققىياتنى ئورتاق كۆزلەش ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىش بىرىكمە كۈچىنى توپلاپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو - تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ