مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

  شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ جۇڭگو سۇڭ چىڭلىڭ فوند جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەپ مۇنداق تەكىتلىدى​

سۇڭ چىڭلىڭ ئەپەندىنىڭ «مەڭگۈ پارتىيە بىلەن بىللە بولۇش» ئەقىدىسىگە ئەمەل قىلىپ، مەملىكەت ئىچى سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك

​ۋاڭ ياڭ خاتىرىلەش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

2022.06.02 10:33 مەنبە: خەلق تورى

  تەبرىك خېتى


  جۇڭگو سۇڭ چىڭلىڭ فوند جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى پەيتىدە، مەن فوند جەمئىيىتىدىكى بارلىق يولداشلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! فوند جەمئىيىتى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى ھەر ساھە زاتلارغا سەمىمىي سالام يوللايمەن.


  40 يىلدىن بۇيان، پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو سۇڭ چىڭلىڭ فوند جەمئىيىتى سۇڭ چىڭلىڭ ئەپەندىنىڭ ئالىيجاناب روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، خەلقئارا دوستلۇقنى كۈچەيتىش، دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقى ھەم شياڭگاڭ، ئاۋمېن بىلەن ئالاقىنى كېڭەيتىش، ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلدى. جۇڭگو سۇڭ چىڭلىڭ فوند جەمئىيىتىنىڭ سۇڭ چىڭلىڭ ئەپەندىنىڭ «مەڭگۈ پارتىيە بىلەن بىللە بولۇش» ئەقىدىسىگە ئەمەل قىلىپ، «تىنچلىق . بىرلىك . كەلگۈسى»دىن ئىبارەت ئاساسىي مەقسەتنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، دەۋر باش تېمىسىنى ئىگىلەپ، خاس ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، تاشقى خەلق ئىچى دوستانە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ۋەتەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقا كۈچ چىقىرىپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشىغا كۈچ قوشۇپ، ئاممىۋى پاراۋانلىق - خەيرىيەت ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


  شى جىنپىڭ


  2022- يىلى 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى


  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى)


  جۇڭگو سۇڭ چىڭلىڭ فوند جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، فوند جەمئىيىتىدىكى بارلىق يولداشلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى، فوند جەمئىيىتى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى ھەر ساھە زاتلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى.


  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: 40 يىلدىن بۇيان، پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو سۇڭ چىڭلىڭ فوند جەمئىيىتى سۇڭ چىڭلىڭ ئەپەندىنىڭ ئالىيجاناب روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، خەلقئارا دوستلۇقنى كۈچەيتىش، دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقى ھەم شياڭگاڭ، ئاۋمېن بىلەن بولغان ئالاقىنى كېڭەيتىش، ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلدى.


  شى جىنپىڭ جۇڭگو سۇڭ چىڭلىڭ فوند جەمئىيىتىنىڭ سۇڭ چىڭلىڭ ئەپەندىنىڭ «مەڭگۈ پارتىيە بىلەن بىللە بولۇش» ئەقىدىسىگە ئەمەل قىلىپ، «تىنچلىق . بىرلىك . كەلگۈسى»دىن ئىبارەت ئاساسىي مەقسەتنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، دەۋر باش تېمىسىنى ئىگىلەپ، خاس ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، تاشقى خەلق ئىچى دوستانە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ۋەتەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقا كۈچ چىقىرىپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشىغا كۈچ قوشۇپ، ئاممىۋى پاراۋانلىق - خەيرىيەت ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.


  جۇڭگو سۇڭ چىڭلىڭ فوند جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە، جۇڭگو سۇڭ چىڭلىڭ فوند جەمئىيىتى قۇرۇلغان 40 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، فوند جەمئىيىتىنىڭ يېڭى دەۋردە ئۈستىگە ئالغان بۇرچ، ۋەزىپىسىگە ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ فوند جەمئىيىتى خىزمىتىگە بولغان يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى ۋە سەمىمىي ئۈمىدىنى نامايان قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى فوند جەمئىيىتى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. جۇڭگو سۇڭ چىڭلىڭ فوند جەمئىيىتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر سىياسىي ئاساسىي رەڭنى چىڭ ساقلاپ، دەۋر ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىپ، ئاممىۋى پاراۋانلىق خىسلىتىنى نامايان قىلىپ، يېڭى دەۋردە فوند جەمئىيىتى ئىشلىرىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو سۇڭ چىڭلىڭ فوند جەمئىيىتى پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى خەلق تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جەزمەن سۇڭ چىڭلىڭ ئەپەندىنىڭ «مەڭگۈ پارتىيە بىلەن بىللە بولۇش» قەتئىي ئەقىدىسىنى فوند جەمئىيىتى قۇرۇشنىڭ ئاساسى قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەشنى خىزمەتنىڭ تۈپ مەۋقەسى قىلىپ، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىشى كېرەك. مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، خەلق ئىچى دىپلوماتىيەسىنى كېڭەيتىشتىكى مۇھىم سۇپا، ۋەتەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم كۆۋرۈك، ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى مۇھىم كۈچ، ئاممىۋى پاراۋانلىق - خەيرىيەت ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم كوللېكتىپقا تېخىمۇ ياخشى ئايلىنىشى كېرەك. فوند جەمئىيىتى ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، خىزمەتلەرنى قانۇن بويىچە، نىزامنامە بويىچە قانات يايدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، فوند جەمئىيىتى ئىشلىرىنى ئاشكارا باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كېڭەشنىڭ تۈزۈملىشىش، قېلىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، كېڭەش ئەزالىرى، پىدائىيلار، ئورگان كادىرلىرىدىن ئىبارەت ئۈچ قوشۇن قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، تىرىشىپ خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلىشى كېرەك.


  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى يوۋ چۈەن يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقۇپ ئۆتتى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو سۇڭ چىڭلىڭ فوند جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى لى بىن سۆز قىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جېڭ جيەنباڭ يىغىنغا قاتناشتى.


  يىغىندا، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ۋەكىللىرى تەبرىك سۆزى قىلدى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوند جەمئىيىتى تەبرىك خېتى ئەۋەتتى. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، سۈن جۇڭشەن، سۇڭ چىڭلىڭغا ئالاقىدار خاتىرىلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، جۇڭگو سۇڭ چىڭلىڭ فوند جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزالىرى، پەخرىي كېڭەش ئەزالىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.


  جۇڭگو سۇڭ چىڭلىڭ فوند جەمئىيىتى 1982 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى خەلق تەشكىلاتى. 40 يىلدىن بۇيان، فوند جەمئىيىتى «تىنچلىق . بىرلىك . كەلگۈسى»دىن ئىبارەت ئاساسىي مەقسەتنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ خەلق ئىچى دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقى ھەم شياڭگاڭ، ئاۋمېن بىلەن بولغان ئالاقە، ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىقلارغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پائال كۈچ قوشۇپ كەلدى.
مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ