مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى زۇڭتۇڭى مۇھەممەد بىلەن تېلېفونلاشتى

2022.06.02 10:35 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى زۇڭتۇڭى مۇھەممەد بىلەن تېلېفونلاشتى.


  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىنىپ، يۈكسىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى دوستانە ھەمكارلىقى تارىختىكى ئەڭ ياخشى سەۋىيەگە يەتتى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو - ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مۇناسىۋىتىنىڭ ئېلاستىكىلىقى ۋە كەڭ ئىستىقبالىنى نامايان قىلدى. بۇ يىل 2 - ئايدا، سىز جۇڭگوغا كېلىپ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتىڭىز، بىز ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا كەڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق، ئالاقىدار ھەمكارلىقتا پائال ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. جۇڭگو تەرەپ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، دوستلۇقنى مۇستەھكەملەپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى پۇختىلاپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.


  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەرەپنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئۆز ئالدىغا ئىزدىنىشىنى قوللايدۇ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەرەپ بىلەن بىرلىكتە بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىنى قەتئىي قوللاپ، خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى قوغداش، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەرەپ بىلەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەرەپنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ يەنە ئادىمىيەت ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەرەپ بىلەن بىللە خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرى توغرىسىدا زىچ ئالاقىلىشىپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى ۋە يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى توغرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيانىڭ ئۇزاققىچە تىنچ بولۇشى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.


  مۇھەممەد مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل 2 - ئايدا جۇڭگوغا بېرىپ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقىمدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ناھايىتى ياخشى سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەت يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق نۇرغۇن ساھەدە مول نەتىجىلىك ھەمكارلاشتى. مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن بولغان قېرىنداشلارچە چوڭقۇر دوستلۇقنى قەدىرلەيمەن، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئۇلۇغ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولىمەن. مەن شۇنى قايتا تەكىتلەشنى خالايمەنكى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىلگىرى قەتئىي بىر سەپتە تۇرغان، ھازىرمۇ، كەلگۈسىدىمۇ قەتئىي بىر سەپتە تۇرىدۇ. ئىشىنىمەنكى، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى - جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى مۇقەررەر ھالدا تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى كۈتۈۋېلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ