مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ 2022 - يىللىق 5 - ئىيۇن مۇھىت كۈنى دۆلەت ئاساسىي مەيدان پائالىيىتىنى تەبرىكلەپ مۇنداق تەكىتلىدى

تىرىشىپ ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان گۈزەل جۇڭگو قۇرۇپ، پاكىز، گۈزەل دۇنيانى ئورتاق قۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك

خەن جېڭ پائالىيەتنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

2022.06.07 10:22 مەنبە: خەلق تورى

  تەبرىك خېتى


  2022 - يىللىق 5 - ئىيۇن مۇھىت كۈنى دۆلەت ئاساسىي مەيدان پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان پەيتتە، مەن قىزغىن تەبرىكلەيدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن!


  ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئاساسى، ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ساقلاش ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك تۈپ ئۇلۇغۋار پىلان قىلىپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، بىر قاتار تۈپ خاراكتېرلىك، ئىجادىي خاراكتېرلىك، ئۇزاق مۇددەتلىك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا مۇھىم قەدەم تاشلاپ، دۆلىتىمىزدە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش جەھەتتە تارىخىي خاراكتېرلىك، بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدۇق.


  سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىگە كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، بۇلغىنىشنى تۈزەش، ئېكولوگىيەنى قوغداش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تىرىشىپ ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان گۈزەل جۇڭگو قۇرۇپ، پاكىز، گۈزەل دۇنيانى ئورتاق قۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك! پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ھەرىكەتكە كېلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ ئاكتىپ تارقاتقۇچىلىرى ۋە نەمۇنىلىك ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىلىرىدىن بولۇپ، ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئەۋلادلارغا ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل ماكان يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


  شى جىنپىڭ


  2022- يىلى 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى


  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسى)


  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شېنياڭ، 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسى 2022 - يىللىق 5 - ئىيۇن مۇھىت كۈنى دۆلەت ئاساسىي مەيدان پائالىيىتى 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ شېنياڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، پائالىيەتنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىنى قىزغىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئاساسى، ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ساقلاش ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك تۈپ ئۇلۇغۋار پىلان قىلىپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، بىر قاتار تۈپ خاراكتېرلىك، ئىجادىي خاراكتېرلىك، ئۇزاق مۇددەتلىك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا مۇھىم قەدەم تاشلاپ، دۆلىتىمىزدە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش جەھەتتە تارىخىي خاراكتېرلىك، بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدۇق.


  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىگە كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، بۇلغىنىشنى تۈزەش، ئېكولوگىيەنى قوغداش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تىرىشىپ ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان گۈزەل جۇڭگو قۇرۇپ، پاكىز، گۈزەل دۇنيانى ئورتاق قۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك! پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ھەرىكەتكە كېلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ ئاكتىپ تارقاتقۇچىلىرى ۋە نەمۇنىلىك ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىلىرىدىن بولۇپ، ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئەۋلادلارغا ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل ماكان يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ پائالىيەتنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقۇپ ئۆتتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەخسۇس تەبرىك خېتى ئەۋەتىشى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5 - ئىيۇن مۇھىت كۈنى دۆلەت ئاساسىي مەيدان پائالىيىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. يەرشارى ئىنسانلار ياشاشتا تايىنىدىغان بىردىنبىر ماكان، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان پاكىز، گۈزەل دۇنيا قۇرۇش پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن ۋەزىيەت خىزمىتىدە گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، دۆلىتىمىزدە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش جەھەتتە تارىخىي خاراكتېرلىك، بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك.
خەن جېڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئادەم بىلەن تەبىئەت ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى بېكىتىپ ھەم قاتتىق ساقلاپ، تىرىشىپ ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلىشىش بەرپا قىلىش كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى چوڭقۇر ياخشى قىلىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى گەۋدىلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىسىنى ئىزچىل بوشاشماي ھەل قىلىش كېرەك. پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئېڭىنى كۈچەيتىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشنى ھەربىر كىشىنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، مۇھىت قوغداش بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ماس ھالدا ئورتاق ئىلگىرىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى پۇختا، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىش بىلەن بىللە ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى، كەسىپ زەنجىرى ۋە تەمىنلەش زەنجىرى بىخەتەرلىكى، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ئاممىنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، يەرشارىۋى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئورتاق پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، يەرشارىۋى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا پائال تۈرتكە بولۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى ۋە ئەمەلىيىتى ئارقىلىق دۇنيا خەلقىگە بەخت يارىتىش كېرەك.


  پائالىيەت باشلىنىشتىن بۇرۇن، خەن جېڭ «پاكىز، گۈزەل دۇنيانى ئورتاق قۇرۇش» باش تېما كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.


  دۆلىتىمىز 2017 - يىلىدىن باشلاپ 5 - ئىيۇن مۇھىت كۈنى دۆلەت ئاساسىي مەيدان پائالىيىتىنى ئۇدا ئۆتكۈزۈپ كەلدى، بۇ يىللىق پائالىيەتنى ئېكولوگىيە - مۇھىت مىنىستىرلىقى، مەركىزىي كومىتېت مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى، «پاكىز، گۈزەل دۇنيانى ئورتاق قۇرۇش» باش تېما قىلىندى.

مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ