شى جىنپىڭ سىچۇەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ، يېڭى مۇساپىدە سىچۇەن تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈش كېرەك

2022.06.13 13:27 مەنبە: خەلق تورى

  6 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ سىچۇەندە تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 6 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ مېيشەن شەھىرىنىڭ دۇڭپو رايونى تەيخې بازىرى يۇڭفېڭ كەنتىگە بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى.


  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن خۇڭ فوتوسى


  6 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ سىچۇەندە تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 6 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ يىبىن شۆيۈەنىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، كارخانىلارنىڭ تەكلىپ قىلىش تەشۋىقات يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچى، كارخانا مەسئۇللىرىدىن كارخانىلارنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېھتىياجى ۋە ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ توختام ئىمزالاش نىسبىتى قاتارلىقلارنى ئىگىلىدى.


  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى


  ■ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا سىڭىشىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنى ساقلاپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، سىچۇەننى ئىدارە قىلىش، سىچۇەننى گۈللەندۈرۈشنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە سىچۇەن تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك


  ■ زامانىۋى يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش، قوللىنىش ۋە تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئاشلىق تېرىيدىغان چوڭ ئائىلىلەرنى تەشكىللەپ، يېشىل يېزا ئىگىلىكى، ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىكىنى پائال راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. بىزنىڭ جۇڭگولۇقلارنىڭ تاماق قاچىسىنى ئۆز قولىمىزدا چىڭ تۇتۇشقا ئىشەنچىمىز بار، ئىرادىمىز بار


  ■ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى مەقسىتى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى قەدەممۇقەدەم ئالغا سىلجىتىپ، پۇقرالارنىڭ ھەربىر ئىشىنى جان ـ دىل بىلەن ياخشى قىلىپ، پۇقرالارنى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشتىن ئىبارەت


  ■ جۇڭخۇا مىللىتى 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيلىك تارىخىغا ئىگە، بىز جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قەدىرلەپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىشىمىز كېرەك. جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى ۋە تەپەككۇرىنى قوبۇل قىلىشقا ماھىر بولۇپ، دۇنيادىكى بارلىق مۇنەۋۋەر مەدەنىيلىك نەتىجىلىرىدىن كەڭ ئۆرنەك ئېلىش كېرەك، بېكىنمىچىلىك، قاتماللىق قىلىشقا بولمايدۇ، چەت ئەلنىڭ بارلىق نەرسىلىرىنى ئۆلچەم قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش كېرەك. ئائىلە ئىستىلى، ئائىلە تەربىيەسى بىر ئائىلىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك بايلىقى، ئەۋلادلارغا قالدۇرۇلغان ئەڭ ياخشى مىراس. پۈتۈن جەمئىيەتتە ئائىلىلەرنىڭ ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئەۋلادلارنى ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتىنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ دۆلەتكە، جەمئىيەتكە ياراملىق ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار پاك ئادەم بولۇپ، تىرىشچان، ئىقتىسادچىل بولۇپ، پاك ئىش قىلىپ، ھۆكۈمەت ئىشىدا پاك بولۇپ، ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى ياخشى باشقۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى كوممۇنىستلارنىڭ ياخشى ئائىلە ئىستىلىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك


  ■ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قاتار سىياسەت ـ تەدبىرلەرنى قوللاندى. ھازىر دەل ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق باسقۇچ، ئىش ئورنى بايلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قېزىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىش، مۇلازىمەت قىلىشنى ئەمەلىي ئىشلەش، ئىنچىكە ئىشلەش كېرەك، مەكتەپ، كارخانا ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە توختام ئىمزالاشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇشى، بولۇپمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلىلەر، تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەر، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەر ھەمدە مېيىپ، خېلى ئۇزاققىچە ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى نۇقتىلىق ياردەم قىلىش ـ يۆلەش ئوبيېكتى قىلىشى كېرەك.


  ■ دۆلىتىمىز ياسىمىچىلىق چوڭ دۆلىتى، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتىگە ئايلىنىشنى تېزلىتىش كېرەك. جۇڭگو قۇدرەت تېپىش ئۈچۈن، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى تەرەپلەردە قۇدرەت تېپىش كېرەك. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىستىقبال پارلاق، يول ئەگرى ـ توقاي، يەنە نۇرغۇن شىددەتلىك ئېقىن، خەتەرلىك ساھىللارغا دۇچ كېلىمىز، تۈرلۈك خەۋپ ـ خەتەر، خىرىسلارنى باتۇرلۇق بىلەن كۈتۈۋېلىش كېرەك


  ■ ھازىر، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا ئائىت تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، تەكشى، مۇقىم، ساغلام بولغان ئىقتىسادىي مۇھىت، دۆلەت تىنچ، خەلق خاتىرجەم بولغان جەمئىيەت مۇھىتى، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي مۇھىتنى تىرىشىپ ساقلاپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن ياخشى كەيپىيات يارىتىشى كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى يۇقىرى ئۈنۈمدە ياخشى ئىشلەپ، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات دۇچ كەلگەن بەزى قىيىنچىلىقلارنى قەتئىي يېڭىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت، نامرات ئاممىغا ياردەم قىلىش ـ يۆلەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، كىشىلەر قەلبىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك. چىڭ تۇرۇشنىڭ ئۆزى غەلىبە، «ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش» باش فاڭجېنىدا قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، كاشىلىلارنى تۈگىتىپ، بىخۇدلۇق ئىدىيەسىنى يېڭىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتە تەستە قولغا كەلگەن نەتىجىلەرنى قەتئىي مۇستەھكەملەش كېرەك


  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا سىچۇەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا سىڭىشىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنى ساقلاپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، سىچۇەننى ئىدارە قىلىش، سىچۇەننى گۈللەندۈرۈشنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە سىچۇەن تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.


  6 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، شى جىنپىڭ سىچۇەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ شياۋخۇي، ئۆلكە باشلىقى خۇاڭ چياڭنىڭ ھەمراھلىقىدا، ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ مېيشەن، يىبىن قاتارلىق جايلارغا كېلىپ، يېزا، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنى، مەكتەپ، كارخانا قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.


  6 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، سىچۇەن يائەندە 6.1 بال يەر تەۋرىدى، شى جىنپىڭ دەرھال مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، سىچۇەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتتىن خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە تەسەللى بېرىپ، يارىلانغان ئاممىنى ۋاقتىدا قۇتقۇزۇپ، داۋالاپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىككىلەمچى ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىپ، ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار دەرھال دۆلەتنىڭ يەر تەۋرەشكە قارىتا 3 ـ دەرىجىلىك جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئىنكاس قايتۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويدى، سىچۇەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى تېزدىن تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ھاياتلىق يولىنى جىددىي راۋانلاشتۇرۇپ، يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇش، داۋالاش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ۋاقتىدا يۆتكىدى ۋە ئورۇنلاشتۇردى. نۆۋەتتە، ئاپەت رايونىدىكى ئاممىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى يۇرت ـ ماكانىغا قايتتى، سىچۇەن ئۆلكە دەرىجىلىك يەر تەۋرەشكە قارىتا 3 ـ دەرىجىلىك جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئىنكاس قايتۇرۇش لايىھەسىنى توختىتىپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش باسقۇچىغا ئۆتتى.


  تەكشۈرۈشتە بولغان مەزگىلدە، شى جىنپىڭ يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇش، داۋالاش ۋە ئاپەت رايونىدىكى خەلقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، سىچۇەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇش، داۋالاشنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ كېيىنكى ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە تەسەللى بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاساسىي تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تاپىلىدى. ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش يىرىك پىلانىنى ياخشى ئىشلەپ، چىڭ تۇتۇپ يولغا قويۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنى بالدۇرراق ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىش كېرەك.


  6ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ مېيشەن شەھىرىنىڭ دۇڭپو رايونى تەيخې بازىرى يۇڭفېڭ كەنتىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. يۇڭفېڭ كەنتى شالچىلىق ۋە تېخنىكا ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، پۈتۈن ئۆلكە بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان شال يېڭى سورتى، يېڭى تېخنىكىلىق ئارىلىق سىناق بازىسىنى قۇرۇپ چىقتى. يۇقىرى ئۆلچەملىك شال تېرىش بازىسىدا، شى جىنپىڭ كەنتنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ ئاشلىق تېرىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا كۈچ قوشقانلىقىدەك ئۇسۇلىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: چېڭدۇ تۈزلەڭلىكىنىڭ ئەزەلدىن «بايلىقى مول مۇنبەت تۇپراق» دېگەن گۈزەل نامى بار، تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى چىڭ ساقلاپ، ئاشلىق چىقىدىغان بۇ گۆھەر ماكاننى ياخشى قوغداپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، يېڭى دەۋردە تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى «بايلىقى مول مۇنبەت تۇپراقتىكى ئاشلىق ئامبىرى»نى قۇرۇپ چىقىش كېرەك


  شى جىنپىڭ تەجرىبە ئېتىزىغا كىرىپ، شالنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. دېھقانچىلىق تېخنىكلىرى باش شۇجىغا شال سورتىنى سىناق قىلىپ يېتىشتۈرۈش ۋە تېرىشنى كېڭەيتىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شال سورتىنى ياخشىلاش ۋە سورت يېتىشتۈرۈشنىڭ دەۋرىيلىكى ئۇزاق بولۇپ، تەكرار سىناق قىلىپ تاللاشقا توغرا كېلىدۇ، دۆلىتىمىزدىكى كەڭ يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكا خىزمەتچىلىرى جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئاممىنىڭ كىيىمى پۈتۈن، قورسىقى توق بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى، تۆھپىسى زور. يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا، ھەم يېزا ئىگىلىك مۇتەخەسسىسلىرىگە تايىنىش، ھەم كەڭ دېھقانلارغا تايىنىش كېرەك. زامانىۋى يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش، قوللىنىش ۋە تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئاشلىق تېرىيدىغان چوڭ ئائىلىلەرنى تەشكىللەپ، يېشىل يېزا ئىگىلىكى، ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىكىنى پائال راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. بىزنىڭ جۇڭگولۇقلارنىڭ تاماق قاچىسىنى ئۆز قولىمىزدا چىڭ تۇتۇشقا ئىشەنچىمىز بار، ئىرادىمىز بار.


  شى جىنپىڭ يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش ئەھۋالىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. ئۇ پىيادە مېڭىپ يۇڭفېڭ كەنتىنىڭ يۇندى بىر تەرەپ قىلىش كۆلچىكى ۋە كەنت قىياپىتىنى كۆزدىن كەچۈردى، كەنت داۋالاش پونكىتىنى تەكشۈرۈپ، بۇ كەنتنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاش، يېزىلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يۇرتداشلار كىيىم ـ كېچەك، يېمەك ـ ئىچمەكتىن غەم قىلمايدىغان بولغاندىن كېيىن، ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقىنى دەل داۋالاش ۋە دورا مەسىلىسى. يېزا ـ كەنتلەرنىڭ سەھىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كەڭ دېھقانلار ئاممىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىشىغا ياخشى كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى ياخشى قۇرۇپ، يۇرتداشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىنكى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئۇدا ئالغا سىلجىتىش كېرەك.


  كەنتتىن ئايرىلىدىغان چاغدا، باش شۇجى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن سەمىمىي خوشلاشتى. شى جىنپىڭ يۇرتداشلارغا مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى مەقسىتى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى قەدەممۇقەدەم ئالغا سىلجىتىپ، پۇقرالارنىڭ ھەربىر ئىشىنى جان ـ دىل بىلەن ياخشى قىلىپ، پۇقرالارنى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشتىن ئىبارەت.


  مېيشەن شەھىرىنىڭ مەركىزىي شەھەر رايونىغا شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىدىكى داڭلىق ئەدىب سۇ شۈن، سۇ شى، سۇ جې ئاتا ـ بالا ئۈچەيلەننىڭ تۇرالغۇسى − سەنسۇسى ئىبادەتخانىسى جايلاشقان. شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، سۇ فامىلىلىك ئۈچەيلەننىڭ ھاياتى، ئاساسلىق ئەدەبىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلى ھەمدە سەنسۇسى ئىبادەتخانىسىنىڭ تارىخىي تەرەققىيات جەريانى، دۇڭپو مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭخۇا مىللىتى 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيلىك تارىخىغا ئىگە، بىز جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قەدىرلەپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىشىمىز كېرەك. جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى ۋە تەپەككۇرىنى قوبۇل قىلىشقا ماھىر بولۇپ، دۇنيادىكى بارلىق مۇنەۋۋەر مەدەنىيلىك نەتىجىلىرىدىن كەڭ ئۆرنەك ئېلىش كېرەك، بېكىنمىچىلىك، قاتماللىق قىلىشقا بولمايدۇ، چەت ئەلنىڭ بارلىق نەرسىلىرىنى ئۆلچەم قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش كېرەك. ئائىلە ئىستىلى، ئائىلە تەربىيەسى بىر ئائىلىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك بايلىقى، ئەۋلادلارغا قالدۇرۇلغان ئەڭ ياخشى مىراس. پۈتۈن جەمئىيەتتە ئائىلىلەرنىڭ ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئەۋلادلارنى ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتىنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ دۆلەتكە، جەمئىيەتكە ياراملىق ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار پاك ئادەم بولۇپ، تىرىشچان، ئىقتىسادچىل بولۇپ، پاك ئىش قىلىپ، ھۆكۈمەت ئىشىدا پاك بولۇپ، ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى ياخشى باشقۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى كوممۇنىستلارنىڭ ياخشى ئائىلە ئىستىلىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.


  6 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ يىبىن شەھىرىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى. چاڭجياڭ دەرياسى، جىنشاجياڭ دەرياسى، مىنجياڭ دەرياسى يىبىن شەھىرىنىڭ ئاساسىي شەھەر رايونىدا كېسىشىپ، ئۈچ دەريا قوشۇلۇپ ئاقىدىغان ھەيۋەتلىك مەنزىرىنى شەكىللەندۈرگەن. يىبىن شەھىرى سۇغا تايىنىپ قۇرۇلغان بولۇپ، «تۈمەن چاقىرىملىق چاڭجياڭ دەرياسىدىكى بىرىنچى شەھەر» دېگەن گۈزەل نامى بار، كۆپ يىل سىجىل تۈزەش ئارقىلىق، ئۈچ دەريانىڭ ئالتە قىرغىقىدىكى قىرغاق لىنىيەسى تېخىمۇ گۈزەللىشىپ، خەلق ئاممىسى ياخشى كۆرىدىغان سۇغا يېقىن قىرغاق لىنىيەسى باغچىسىغا ئايلاندى. شى جىنپىڭ ئۈچ دەريا ئېغىزىغا كېلىپ، ئۈچ دەريا كېسىشكەن جايغا نەزەر سېلىپ، يەرلىكنىڭ چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قوغداشنى ئالغا سىلجىتىش، چاڭجياڭ دەرياسى سۇ رايونىدا بېلىق تۇتۇشنى چەكلەش، بېلىق تۇتۇشتىن چېكىندۈرۈشنى يولغا قويۇش قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشى قوغداش چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، شۇنداقلا جۇڭخۇا مەدەنىيلىك بۆشۈكىنى ياخشى قوغداشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. سىچۇەن چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا جايلاشقان بولۇپ، ئومۇمىي ۋەزىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى ئېقىن ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، كەڭ كۆلەمدە قوغداشنى ئورتاق تۇتۇش، كەڭ كۆلەمدە ئېچىش بىلەن شۇغۇللانماسلىق فاڭجېنىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، چاڭجياڭ دەرياسى يۇقىرى ئېقىنىنىڭ ئېكولوگىيە توسۇقىنى مۇستەھكەملەپ، بۇ دەريانىڭ سۈزۈك سۈيىنى ياخشى قوغداش كېرەك.


  بۇ يىل دۆلىتىمىزدە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغانلار تەخمىنەن 10 مىليون 760 مىڭغا يېتىدۇ، بۇ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1 مىليون 670 مىڭ ئادەم كۆپىيىپ، تارىختىكى يېڭى سەۋىيە يارىتىلىدۇ. شى جىنپىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، يىبىن شۆيۈەنىگە كېلىپ تەكشۈردى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ۋەكىللىك ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىنى كۆزدىن كەچۈردى، مەكتەپنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكچىلىك قىلىش، مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. مەكتەپنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش زالىدا، كارخانىلارنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش تەشۋىقات يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى، شى جىنپىڭ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى، كارخانا مەسئۇللىرىدىن كارخانىنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېھتىياجى ۋە ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ توختام ئىمزالاش نىسبىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قاتار سىياسەت ـ تەدبىرلەرنى قوللاندى. ھازىر دەل ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق باسقۇچ، ئىش ئورنى بايلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قېزىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىش، مۇلازىمەت قىلىشنى ئەمەلىي ئىشلەش، ئىنچىكە ئىشلەش كېرەك، مەكتەپ، كارخانا ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە توختام ئىمزالاشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇشى، بولۇپمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلىلەر، تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەر، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەر ھەمدە مېيىپ، خېلى ئۇزاققىچە ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى نۇقتىلىق ياردەم قىلىش ـ يۆلەش ئوبيېكتى قىلىشى كېرەك. شى جىنپىڭ ساۋاقداشلارغا مۇنداق دېدى: بەختلىك تۇرمۇش ئەمگەك ئارقىلىق يارىتىلىدۇ، كۆپچىلىك سالماق، سەمىمىي قەلبنى ساقلاپ، ئۆزلىرىنىڭ شارائىتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا ئوبيېكتىپ مۇئامىلە قىلىپ، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ كەسىپ ۋە خىزمەت ئورنىنى تاللاپ، ئەمگەكنى قىزغىن سۆيۈپ، قەدەمنى پۇختا ئېلىپ، ئەمەلىيەت جەريانىدا قەدەممۇقەدەم ئۆسۈپ يېتىلىشىڭلار كېرەك. ئۇ ساۋاقداشلارنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئاڭلىق ھالدا ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، تىرىشىپ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلىشكە ئىلھاملاندۇردى.


  ئارقىدىن، شى جىنپىڭ جىمى فوتوئېلېكتىر چەكلىك شىركىتىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ شىركەتنىڭ كۆرگەزمە زالى ۋە ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا كىرىپ، كارخانىنىڭ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش، مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ ياساش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش ۋە يەرلىكنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش، قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش بويىچە ياردەم قىلىش ـ يۆلەش سىياسىتىنى ئېلان قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىشتا، ھەرقايسى ساھەلەردە يۇقىرى دەرىجىلىك، سەرخىل، ئىلغار، ئالاھىدە كارخانىلارنى پائال يېتىلدۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ «يوشۇرۇن چېمپىيون»لارنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش گەۋدىسى توپىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.


  سېخ سىرتىدىكى مەيداندا، شى جىنپىڭ كارخانا خىزمەتچىلىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلىتىمىز ياسىمىچىلىق چوڭ دۆلىتى، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتىگە ئايلىنىشنى تېزلىتىش كېرەك. جۇڭگو قۇدرەت تېپىش ئۈچۈن، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى تەرەپلەردە قۇدرەت تېپىش كېرەك. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىستىقبال پارلاق، يول ئەگرى ـ توقاي، يەنە نۇرغۇن شىددەتلىك ئېقىن، خەتەرلىك ساھىللارغا دۇچ كېلىمىز، تۈرلۈك خەۋپ ـ خەتەر، خىرىسلارنى باتۇرلۇق بىلەن كۈتۈۋېلىش كېرەك. ئاسماندىن گۆشنان چۈشمەيدۇ، بارلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى بىز ئورتاق كۈرەش قىلىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى «80 ـ يىللاردا، 90 ـ يىللاردا تۇغۇلغانلار»، ھازىر دەل شىجائىتىڭلار ئۇرغۇپ تۇرغان مەزگىل، كەسىپچانلىق، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىققاندا، كۆپچىلىك چوقۇم «دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، تۆھپە قوشۇشتا مەن بار» بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىدۇ.


  تەكشۈرۈشتە بولۇش سەپىرىدە، شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا ئائىت تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، تەكشى، مۇقىم، ساغلام بولغان ئىقتىسادىي مۇھىت، دۆلەت تىنچ، خەلق خاتىرجەم بولغان جەمئىيەت مۇھىتى، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي مۇھىتنى تىرىشىپ ساقلاپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن ياخشى كەيپىيات يارىتىشى كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى يۇقىرى ئۈنۈمدە ياخشى ئىشلەپ، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات دۇچ كەلگەن بەزى قىيىنچىلىقلارنى قەتئىي يېڭىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت، نامرات ئاممىغا ياردەم قىلىش ـ يۆلەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، كىشىلەر قەلبىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك. چىڭ تۇرۇشنىڭ ئۆزى غەلىبە، «ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش» باش فاڭجېنىدا قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، كاشىلىلارنى تۈگىتىپ، بىخۇدلۇق ئىدىيەسىنى يېڭىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتە تەستە قولغا كەلگەن نەتىجىلەرنى قەتئىي مۇستەھكەملەش كېرەك.


  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېقىنقى مەزگىلدە، دۆلىتىمىزنىڭ بەزى جايلىرىدا كەلكۈن، ھۆلچىلىك، گېئو ئاپەت يۈزبەردى. ھەرقايسى ئالاقىدار رايونلار ۋە تارماقلار مەۋقەنى زور كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، زور خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش، زور ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا قويۇپ، تۈرلۈك جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ياخشى ئىشلەپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال ـ مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاپەت يوشۇرۇن خەۋپىنى چارلاپ تەكشۈرۈش، رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مۇھىم ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ بىخەتەرلىك مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىپ، يامغۇر، تەيفېڭ بورىنى، قىيان، لاتقا ـ شېغىللىق ئېقىن قاتارلىقلاردىن ئالدىن سىگنال بېرىش، ئالدىن مەلۇمات بېرىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى ئىنچىكە تۇتۇشى، ئەمەلىي تۇتۇشى كېرەك. ئاپەت يۈزبەرگەندىن كېيىن، تېزدىن كۈچ تەشكىللەپ خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇپ، ئىككىلەمچى ئاپەت يۈزبېرىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، تالاپەت ۋە مال ـ مۈلۈك زىيىنىنى ئەڭ زور چەكتە ئازايتىشى كېرەك. خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا ياردەم قىلىش ـ يۆلەش، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش ۋە سەھىيە يۇقۇم مۇداپىئەسى خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، ئاپەت تۈپەيلىدىن قايتا نامراتلىشىپ كېتىش ۋە «زور ئاپەتتىن كېيىن زور يۇقۇم كۆرۈلۈش»نىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.


  دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، چېن شى، خې لىفېڭ ۋە مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.


  6 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ چېڭدۇدا چېڭدۇدا تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى داشياۋدىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلار ۋە ئىشتاتلىق تۇەننىڭ مەسئۇللىرىنى سەمىمىي قوبۇل قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، چېڭدۇدا تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى بارلىق ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەرگە سەمىمىي سالام يوللىدى ھەم كۆپچىلىك بىلەن بىللە سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى. شۈ چىلياڭ قوبۇل قىلىشتا ھەمراھ بولدى.



  مەنبە: خەلق تورى

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ