مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«كىم دېھقان بولىدۇ» دېگەن سوئالغا ياخشى جاۋاب بېرىپ، ئۈچ مۇھىم ئىشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك

2022.03.28 16:48 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، «كىم دېھقان بولىدۇ» دېگەن تېما ۋەكىللەر ۋە ئەزالارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە ئىختىساسلىقلار ئاچقۇچ. تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ يېزا-كەنتلەرگە بېرىپ، يېزا-كەنتلەرنى قۇرۇشى، يېزا-كەنتلەردە قېلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش — گۈللەندۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم بىر ھالقا.

  نۆۋەتتە، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن ئىختىساسلىقلار قىيىنچىلىقىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بەزى ۋەكىللىرى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۇرغۇن رايونلاردا يېزا ئىگىلىك ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ دەۋر ئۈزۈكچىلىكى مەسىلىسى شەكىللەندى. بۇ، ئاساسلىقى بىر قىسىم يېزىلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى كۆزىتىشنى ئاساس قىلغان، مەسىلەن، يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ قېرىلىشىشى، يېزىلاردىكى كاۋاكلىشىش مەسىلىسى كۆرۈنەرلىك بولدى؛ يەنە مەسىلەن، بىرىنچى لىنىيەدىكى ئەمگەك كۈچى ۋە يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرى كەمچىل بولدى. يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان بۇ كەمتۈكلۈكلەرگە پۈتۈن جەمئىيەت يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى ھەمدە ئۇنى كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ ھەل قىلىشى كېرەك.

  يېزا رايونلىرىدا ئىختىساسلىقلارنىڭ كەمچىل بولۇشىنى كۆپ خىل ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغان. بىر مۇھىم ئارقا كۆرۈنۈش شۇكى، دۆلىتىمىز تېز سۈرئەتتە ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان شەھەر-بازارلاشتۇرۇش مۇساپىسى. نۇرغۇن يېزا ئەمگەك كۈچلىرى شەھەر-بازارلارغا يۆتكىلىپ، يېزا رايونلىرىدا نوپۇس قۇرۇلمىسىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمى تۆۋەنرەك، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقى تۆۋەن، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئەمگەك سىجىللىقى يۇقىرى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش خەۋپ-خەتىرى بىر قەدەر چوڭ، دېھقانلارنىڭ كىرىمى تۆۋەنرەك بولۇش قاتارلىق ئامىللار يېزا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئەلۋەتتە بۇ، تەرەققىيات جەريانىدا ئۇزاق ۋاقىت يىغىلىپ شەكىللەنگەن مەسىلە، ھەرگىزمۇ بىر كۈنلۈك قىيىنچىلىق ئەمەس، بىر قېتىمدىلا ھەل قىلىشمۇ تەس. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى «ئىختىساسلىقلار قىيىنچىلىقى»نى ھەل قىلىشتا مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، يىراقنى كۆزلەپ، ئىستېرېئولۇق تەدبىر قوللىنىش كېرەك.

  «تۈزۈملەشتۈرۈش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كەنتتە قالغان ئىختىساسلىقلارنى قوغداش كېرەك. ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشتە، ئادەمنى تۇتۇپ قېلىشتا تېخىمۇ مۇھىمى ئۇلارنىڭ قەلبىنى تۇتۇپ قېلىش كېرەك، بۇنىڭدا تۈزۈم كاپالىتى ئىنتايىن مۇھىم. ئىگىلىك تىكلەشنى قوللاش مېخانىزمى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېزىلاردىكى ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە سىياسەت جەھەتتە قولايلىق يارىتىپ بېرىپ، ئالاقىدار سىياسەتلەرگە يېشىل يول ئېچىپ بېرىش لازىم؛ ئىختىساسلىقلارنى رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۇرمۇش جەھەتتە قولايلىق يارىتىپ، تەرەققىيات يوللىرىنى كېڭەيتىپ، يېزىلاردىكى مۇنبەت تۇپراقتا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى غەم-ئەندىشىدىن خالاس قىلىش لازىم؛

  ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، كۆپ تەرەپ ھەمكارلىشىپ، تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان تەربىيەلەش ئۇسۇلى ۋە ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى شەكىللەندۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. شۇنى كۆرۈش كېرەككى، تۈرلۈك تۈزۈملەرنى ئورنىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش — بىر تەدرىجىي ئىلگىرىلەش جەريانى بولۇپ، تۈزۈملەشتۈرۈش تەدبىرى ئارقىلىق ئىختىساسلىقلارنى تۇتۇپ قېلىشمۇ ئۇزاق مۇددەتلىك تەدبىر، تۈزۈم ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىختىساسلىقلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتقاندىلا، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە يوشۇرۇن كۈچ توپلاش، سىجىل تەرەققىي قىلىشنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ