مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جاۋ لېجى مەملىكەتلىك كۆزىتىش خىزمىتى يىغىنى ۋە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 9 ـ قېتىملىق كۆزىتىش سەپەرۋەرلىك ـ ئورۇنلاشتۇرما يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى:

يېڭى دەۋردىكى كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆزىتىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاش كېرەك.......................

2022.03.25 14:02 مەنبە: خەلق تورى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى 23-چېسلا مەملىكەتلىك كۆزىتىش خىزمىتى يىغىنى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 9-نۆۋەتلىك كۆزىتىش سەپەرۋەرلىك-ئورۇنلاشتۇرما يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، 2021 ـ يىللىق نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى، 2022 ـ يىللىق كۆزىتىش ۋەزىپىلىرى ھەم مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى قىسمەن پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى كۆزىتىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، سىياسىي كۆزىتىشنى مۇستەھكەملەپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆزىتىشنىڭ پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۆزىدىكى مەسىلىلەرنى بايقاش ۋە ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

  جاۋ لېجى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يېڭى دەۋردىكى كۆزىتىش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ـ ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلۈپ، يېڭى تەجرىبىلەر توپلاندى. چوڭقۇر يەكۈنلەپ، قانۇنىيەتنى ئىگىلەپ، يېڭى ئەمەلىيەت داۋامىدا ئاڭلىق تەتبىقلاپ، كۆزىتىش، نازارەت قىلىش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كۆزىتىش شەمشىرىنى چاڭ-توزاندىن ساقلاپ، چۆچۈتۈش رولىنى دائىم جارى قىلدۇرۇش كېرەك. سىياسىي جەھەتتە كۆزىتىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى قوغداش»قا بولغان سىياسىي نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرى»نى چۆرىدەپ، نازارەت قىلىش، كاپالەتلىك قىلىش، ئىجرا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇش؛ كۆزىتىش خىزمىتى فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىلەرنى بايقاش ۋە مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، نازارەت قىلىش، تۈزىتىش، تۈزەشنىڭ ياخشى سۈپەتلىك ئايلىنىشىنى شەكىللەندۈرۈش؛ خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆزىتىش، نازارەت قىلىش، ئامما بىلەن ئالاقە باغلاشتىكى ۋاسىتىلىك فۇنكسىيەنى كۈچەيتىشكە كۈچەپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى چىرىكلىك مەسىلىلىرى ۋە ناتوغرا ئىستىللارنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ سىستېمىلىق پىلانلاش، سىستېمىلىق ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كۆزىتىش ـ تەكشۈرۈشنىڭ يۇقىرى ـ تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشى، تۈرلۈك نازارەتچىلىكنىڭ تۇتاشتۇرۇلۇشى، يۇغۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت خىزمەت ئەندىزىسىنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش؛ بەلگىلىمە، ئىنتىزام، قانۇن بويىچە كۆزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ