مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاڭ ياڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ شىنجاڭنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىش كېرەك

2022.03.24 11:46 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يېقىندا شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا چۈشىنىپ ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىستراتېگىيە جەھەتتىن كۆزىتىش ۋە پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات چوڭ يۈزلىنىشىنى ئېنىق كۆرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۈشكۈللۈكى، مۇرەككەپلىكىنى ئېنىق كۆرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاۋۋال يېڭىنى تۇرغۇزۇپ، ئاندىن كونىنى قالدۇرۇش، پىلاننى ياخشى تۈزۈپ، ئاندىن ھەرىكەتلىنىش، بوشاشماي تىرىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇزاق كەلگۈسى پىلان ئۈستىدە كۆپرەك ئىزدىنىپ، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرلىرىنى كۆپرەك قوللىنىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى كۆپرەك ھەل قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن-ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  3-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە، ۋاڭ ياڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنى باشلاپ ئۈرۈمچى، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، يېزا، مەھەللە، مەكتەپ، كارخانا، مەسچىتلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى؛ پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى كادىرلار ۋە ئالاقىدار خادىملار بىلەن سىردىشىش، سۆزلىشىشنى قانات يايدۇردى ھەم سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ پىكىر- تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئەسىر يۇقۇمى ۋە 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنىڭ گىرەلەشمە تەسىرىنى يېڭىپ، شىنجاڭ خىزمىتىدە مۇھىم، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى، ئۇدا بەش يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈزبەرمىدى؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقتى؛ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. شىنجاڭدا جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتى مۇقىم، مىللەتلەر، دىنلار ئىناق، خەلق خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال-خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەت ساقلاندى. نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلدى، جەزمەن ھەسسىلەپ قەدىرلەش كېرەك.

  ۋاڭ ياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى مىسلىسىز مۇھىم پۇرسەتكە دۇچ كەلدى، رايون ئەۋزەللىكى ۋە بايلىق ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇقىملىق پايدىسى ۋە سىياسەت پايدىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، تەرەققىياتنى كۆزلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىشنىڭ كىرىش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، شىنجاڭنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسى ۋە ئورتاق بېيىشقا ئاتلىنىش يولىدا سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىقى، قوشۇندىن ئايرىلىپ قالماسلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات داۋامىدا ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ماددىي ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىدەك پاكىتلار ئارقىلىق دۈشمەن كۈچلەرنىڭ پىتنە-ئىغۋا توقۇپ بوھتان چاپلىشى ۋە ھۇجۇم قىلىپ قارا چاپلىشىغا قايتۇرما زەربە بېرىش كېرەك. مۇقىملىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئالدىنقى شەرتى. ۋەزىيەتكە ئىلمىي ھۆكۈم قىلىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە ياخشى ئىشلەپ، ئۆز جايىنىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئالاقىدار تەدبىرلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىقنى قوغداش ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقىنى تولۇق قوزغاپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش كېرەك. مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى كۆرگىلى بولىدىغان، ھېس قىلغىلى بولىدىغان ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەنگە ۋە جۇڭخۇا مىللىتىگە بولغان قەلب رىشتىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى تېخىمۇ پۇختىلاش كېرەك. مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ دىننىڭ ماھىيىتى ۋە دىن خىزمىتى قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، دىن ساھەسىنىڭ ساغلام، تەرتىپلىك، ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىڭتۇەننىڭ ئالاھىدە رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  يوۋ چۈەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا ھەمراھ بولدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ