مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو بىلەن ۋانۇئاتۇ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

شى جىنپىڭ ۋانۇئاتۇ زۇڭتۇڭى موسېس بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

لى كېچياڭ ۋانۇئاتۇ زۇڭلىسى لاۋمان بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2022.03.28 10:34 مەنبە: خەلق تورى

  3 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋانۇئاتۇ جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى موسېس بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ۋانۇئاتۇ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 40 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىش سىنىقىنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى. جۇڭگو بىلەن ۋانۇئاتۇ ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇردى. جۇڭگو - ۋانۇئاتۇ مۇناسىۋىتى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئىتتىپاقلىشىش - ھەمكارلىشىشىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەن جۇڭگو - ۋانۇئاتۇ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، سىز بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى سۆزلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېڭەيتىپ، جۇڭگو - ۋانۇئاتۇ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

  موسېس مۇنداق بىلدۈردى: ئۆتكەن 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ئىزچىل ۋانۇئاتۇنىڭ مۇھىم تەرەققىيات ھەمراھى ۋە مەڭگۈ ئىشەنچلىك دوستى بولۇپ كەلدى. ۋانۇئاتۇ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، ۋانۇئاتۇ بىلەن جۇڭگونىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلغان 100 نەچچە يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تەبرىكلەيمەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

  شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ ۋانۇئاتۇ زۇڭلىسى لاۋمان بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. لى كېچياڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - ۋانۇئاتۇ مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ۋانۇئاتۇ تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، جۇڭگو - ۋانۇئاتۇ مۇناسىۋىتىدە يېڭى تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  لاۋمان مۇنداق بىلدۈردى: ۋانۇئاتۇ تەرەپ ۋانۇئاتۇ - جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ مول نەتىجىلىك ھەمكارلىقىنى قەدىرلەيدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ۋانۇئاتۇنىڭ دۆلەت تەرەققىياتىنى سىجىل قوللىغانلىقىغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىدۇ. جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسىدىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، كۆپ تەرەپلىك ساھەلەردە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ