مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەن جېڭ كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش خىزمىتى مەخسۇس سۆھبەت يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

بىر تۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىككە، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئۈزلۈكسىز يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم

2022.03.24 22:26 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ 3-ئاينىڭ 22-كۈنى كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش خىزمىتى مەخسۇس تېمىلىق سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئالاقىدار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى؛ ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر ۋە كارخانا مەسئۇللىرىنىڭ پىكرى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىش خىزمىتى تەتقىق قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىدىيەۋى تونۇش ۋە ھەرىكەتنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، يېڭى ۋەزىيەتتە دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، دۆلەت ئەھۋالى ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كۆمۈرنىڭ تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم يولى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، ئېنېرگىيەنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپىنى ئۆزگەرتىشكە ئىلمىي، تەرتىپلىك تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پۇختا ئېنېرگىيە كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىر تۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، دىققەتنى نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى بايلىقلارنى بىرىكتۈرۈپ، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك. نىشان يۆنىلىشى ۋە مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، نۇقتىلىق كەسىپ ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، كۆمۈرنى پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشلەپچىقىرىش ۋە يۇيۇپ تاللاشقا تۈرتكە بولۇپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى قاتارلىق ئاساسلىق كۆمۈر ئىشلىتىدىغان كەسىپلەرنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش، كاربوننى تۆۋەنلىتىش بويىچە ئۆزگەرتىشنى ياخشى تۇتۇپ، پارچە كۆمۈركانلارنى تۈزەشنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىش كېرەك. ئىلغار تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش، قوللىنىش ۋە ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا تەتقىقاتىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، قوللىنىش يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتلىق رولىنى كۈچەيتىش كېرەك. مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق قوللاش سىياسەتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بازار كۆزلىمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي كاپىتالنى قاتنىشىشقا كەڭ دائىرىدە جەلپ قىلىش كېرەك. ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار، ئورۇنلار تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئۈزلۈكسىز يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  خې لىفېڭ يىغىنغا قاتناشتى. ئالاقىدار تارماقلار، ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى. تۆت مۇتەخەسسىس، تۆت كارخانىنىڭ مەسئۇللىرى ئۆزلىرىنىڭ تەتقىقات ۋە خىزمەت ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ سۆز قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ