ۋاڭ ياڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، شىنجاڭنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىش كېرەك

2022.03.23 20:59 مەنبە: خەلق تورى

  3-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: 3-ئاينىڭ 20-كۈنى، ۋاڭ ياڭ قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى راۋ ئەيمىن فوتوسى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 23-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يېقىندا شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، توغرا چۈشىنىپ ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىستراتېگىيە جەھەتتىن كۆزىتىش ۋە پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۈشكۈللۈكى، مۇرەككەپلىكىنى ئېنىق تونۇش كېرەك؛ مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاۋۋال تىكلەش، ئاندىن بۇزۇش، پىلان تۈزۈپ بولۇپ ئاندىن ھەرىكەتكە كېلىش، ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇش، ئۇزاق كەلگۈسى پىلان تۈزۈش، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرلىرىنى كۆپرەك قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى كۆپرەك ھەل قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن-ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  3-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە، ۋاڭ ياڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنى باشلاپ ئۈرۈمچى، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، يېزا، مەھەللە، مەكتەپ، كارخانا، مەسچىتلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرى ۋە ئالاقىدار خادىملار بىلەن سىردىشىش، سۆزلىشىشنى قانات يايدۇردى ھەم سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئەسىر يۇقۇمى بىلەن 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنىڭ گىرەلىشىپ كەتكەن تەسىرىنى يېڭىپ، شىنجاڭ خىزمىتىدە مۇھىم، زور نەتىجە-ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى، ئۇدا بەش يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈز بەرمىدى؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى؛ شىنجاڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى، مىللەت، دىن ئىناقلىقىنى، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال-خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى ساقلىدى. بۇ نەتىجىلەر ئاسان قولغا كەلمىدى، ئۇنى ھەسسىلەپ قەدىرلىشىمىز كېرەك.

  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى مىسلىسىز مۇھىم پۇرسەتكە دۇچ كەلدى، رايون ئەۋزەللىكى ۋە بايلىق ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇقىملىق پايدىسى ۋە سىياسەت پايدىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ تەرەققىياتنى كۆزلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىپ كىرىشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسى ۋە ئورتاق بېيىش يولىدا سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىق ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات داۋامىدا ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ماددىي ئاساسىنى پۇختىلاپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ بەختلىك تۇرمۇش ئەمەلىيىتى ئارقىلىق دۈشمەن كۈچلەرنىڭ پىتنە-ئىغۋا تارقىتىش ۋە ھۇجۇم قىلىشىغا قايتۇرما زەربە بېرىش كېرەك. مۇقىملىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئالدىنقى شەرتى، ۋەزىيەتكە ئىلمىي ھۆكۈم قىلىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە ياخشى ئىشلەپ، ئالاقىدار تەدبىرلەرنى شارائىتقا قاراپ ئەلالاشتۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىقنى قوغداش ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقىنى تولۇق قوزغاپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ سىجىل، مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش كېرەك.

  مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى شەكىللىك، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز ۋە جۇڭخۇا مىللىتىگە بولغان ھېسسىيات رىشتىسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى تېخىمۇ پۇختىلاش كېرەك.

  مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ دىن ماھىيىتى ۋە دىن خىزمىتىنىڭ قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، دىن ساھەسىنىڭ ساغلام، تەرتىپلىك، ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىڭتۈەننىڭ ئالاھىدە رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  يوۋ چۈەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ