شى جىنپىڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ قاتارلىقلار باباۋشەن ئىنقىلابىي قەبرىستانلىقىغا بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى
يولداش خې لۇلىنىڭ كېسىلى ئېغىرلاشقان مەزگىلدە ۋە ۋاپات بولغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن، جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق يولداشلار دوختۇرخانىغا بېرىپ يوقلىدى ياكى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق يولداش خې لۇلىنىڭ ۋاپاتىغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈردى ھەم ئۇنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن چوڭقۇر، سەمىمىي ھال سورىدى
داڭلىق ئىجتىمائىي پائالىيەتچى، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېقىن دوستى، 9 -، 10 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى 8 -، 9 -، 10 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى يولداش خې لۇلىنىڭ جەسىتى 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى بېيجىڭ باباۋشەن ئىنقىلابىي قەبرىستانلىقىدا كۆيدۈرۈلدى. يولداش خې لۇلى كېسەل سەۋەبىدىن 2022 - يىلى 3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى سائەت 0دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە بېيجىڭدا 88 يېشىدا ۋاپات بولدى.
يولداش خې لۇلىنىڭ كېسىلى ئېغىرلاشقان مەزگىلدە ۋە ۋاپات بولغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن، جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق يولداشلار دوختۇرخانىغا بېرىپ يوقلىدى ياكى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق يولداش خې لۇلىنىڭ ۋاپاتىغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈردى ھەم ئۇنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن چوڭقۇر، سەمىمىي ھال سورىدى.
3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باباۋشەن ئىنقىلابىي قەبرىستانلىقىنىڭ زالى ھەيۋەتلىك، سۈرلۈك تۈسكە كىرگەنىدى، ماتەم مۇزىكىسى تۆۋەن ئاۋازدا ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئاساسىي زالنىڭ ئۇدۇل تېمىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە «يولداش خې لۇلىغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈرىمىز» دېگەن قارا تەگلىك ئاق خەتلىك پىلاكات، پىلاكاتنىڭ ئاستى تەرىپىگە يولداش خې لۇلىنىڭ سۈرىتى ئېسىلغانىدى. يولداش خې لۇلىنىڭ جەسىتى گۈل ۋە ئارچىلار ئارىسىغا قويۇلغانىدى.
چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دىن 40 مىنۇتلار ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ قاتارلىقلار ماتەم مۇزىكىسى ئىچىدە ئاستا قەدەم بىلەن يولداش خې لۇلىنىڭ جەسىتى ئالدىغا كېلىپ سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈرۈپ، يولداش خې لۇلىنىڭ جەسىتىگە ئۈچ قېتىم تەزىم قىلدى ھەم يولداش خې لۇلىنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن چوڭقۇر، سەمىمىي ھال سورىدى.
پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلىرى بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى ياكى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق تەزىيە بىلدۈردى. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، يولداش خې لۇلىنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى بېيجىڭدىكى دوستلىرى ۋە يۇرتىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى.
مەنبە: خەلق تورى