مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

2022.03.28 10:36 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئەنگلىيە باش ۋەزىرى جونسون بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيە باش ئەلچى دەرىجىلىك دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى. يېرىم ئەسىردىن بۇيان، جۇڭگو ـ ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىدە ئوڭۇشسىزلىقلار كۆرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئومۇمىي جەھەتتىن ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدى. ئىككى دۆلەتنىڭ سودا سوممىسى 300 مىليون دوللاردىن 100 مىليارد دوللارغا كۆپەيدى. ئىككى تەرەپلىك سېلىنمىنىڭ ساقلانما مىقدارى يوق دېيەرلىك بولۇش ھالىتىدىن 50 مىليارد دوللارغا يەتتى. بۇلتۇر جۇڭگو ـ ئەنگلىيە سودىسىدا يەنە يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىپ، جۇڭگونىڭ ئەنگلىيەگە سالغان مەبلىغى ئىككى ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشتى. ئەنگلىيە مەبلىغىدىكى كارخانىلار جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىغا پائال قاتناشتى. لوندون دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ بولغان خەلق پۇلىنىڭ قىرغاقتىن ئايرىلىش سودا مەركىزىگە ئايلاندى. ئىككى دۆلەت يەر شارىۋى تەرەققىيات، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق جەھەتلەردە ماسلىشىپ ھەمكارلىشىپ، ئىنسانلارنىڭ ئورتاق خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيەنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ئوخشىمايدۇ، تەرەققىيات يولىمۇ ئوخشىمايدۇ. ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيە ۋە يىراق كەلگۈسىنى كۆزلەپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان روھىي ھالەت بىلەن سۆھبەتلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ سەمىمىي، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان پوزىتسىيەدە ئەنگلىيە تەرەپ بىلەن سۆھبەتلىشىش، ھەمكارلىشىشنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ، ئەنگلىيە تەرەپنىڭ جۇڭگو ۋە جۇڭگو ـ ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىگە ئوبيېكتىپ، ئادىل پوزىتسىيە بىلەن مۇئامىلە قىلىشىنى، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  جونسون مۇنداق بىلدۈردى: ئەنگلىيە ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئىنتايىن مۇھىم. ئەنگلىيە ـ جۇڭگو سودىسىنىڭ ئېشىشى تېز بولدى، ئەنگلىيەدە ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار باشقا ھەرقانداق ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكىدىن كۆپ، ئەنگلىيە تەرەپ بۇنىڭدىن پەخىرلىنىدۇ. ئەنگلىيە بىلەن جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت، نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە، ھەمكارلاشقىلى بولىدىغان ئىشلار ناھايىتى كۆپ. ئەنگلىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلىشىپ، ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى قاتارلىق يەر شارىۋى مەسىلىلەر ۋە رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىدىكى ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ.

  ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى يەنە ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

  شى جىنپىڭ جۇڭگو تەرەپنىڭ پىرىنسىپال مەيدانىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق تەكىتلىدى: خەلقئارا جەمئىيەت ھەقىقىي تۈردە ياراشتۇرۇپ، سۆھبەتلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ، ئۇكرائىنانىڭ بالدۇرراق تىنچلىققا قايتىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق ھالدا بۇنىڭ ئۈچۈن ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ